ياۋا زاغۇن
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئەپيۈنگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ياۋا زاغۇنغا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 - 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، پۈتۈن تېنىدە يۇمشاق ئاق تۈكلىرى بار، غولى چۈرۈك ئاجىز بولۇپ،
سۇندۇرغاندا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك سۈت چىقىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، پەيسىمان تولۇق يېرىلىدۇ، يوپۇرماق ئۈستى يېشىل، ئاستى
ئاقۇش يېشىل بولىدۇ؛ گۈل رېتى كۈنلۈكسىمان بولۇپ، ئۇچىدا ياكى قولتۇقىدا ئۆسىدۇ. گۈلى سېرىق، گۈلتاجىسى تۆت ياپراقلىق بولىدۇ، غوزا
مېۋىسى يۇمىلاق تۈۋرۈكسىمان بولۇپ، پىشقاندا ئىككىگە يېرىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈزدە يىغىپ، كېسىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل
ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغلىقلاردا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
ئاغرىق پەسەيتىش، يۆتەل توختىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە
ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 2 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام ياۋا زاغۇننى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان
يارىسى، ئىچ سۈرۈش، قورساق ئاغرىقى ۋە يۆتەل قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل ياۋا زاغۇننى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چاقا، قوتۇر ۋە تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل ياۋا زاغۇننى يۇمشاق ئېزىپ مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل چاقا، قوتۇر ۋە تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ياۋا زاغۇننى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە ياكى سىرتتىن چېپىپ بەرسە، راكقا مەنپەئەت قىلىدۇ.