UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئالگرات

ئالگرات

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، قارىئۆرۈككە ئۇرۇقداش، ئاق چېچەكلەيدىغان مېۋىلىك دەرەخ بولۇپ، مېۋىسىنىڭ تەمى چۈچۈمەل، ئاچچىق، شەكلى تېمىنىسىمان، رەڭگى قارامتۇل قىزىل كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، سەپرانىڭ ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە قۇيۇلۇشىنى تىزگىنلەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، قاندىكى شېكەر ماددىسىنى تۆۋەنلىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ھۆل ئالگراتنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئىچىپ بەرسە، ھارارەتنى پەسەيتىپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ. ھۆل ئالگراتنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، چاچ چۈشۈش، تىرناق سارغىيىپ، پورلىشىپ قېلىش، بۆرەك ياللۇغى، جىگەر ياللۇغى ۋە سۈيدۈك يولى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. قۇرۇتۇلغان ئالگرات قېقىنى كۈندە ناشتىدا ئىستېمال قىلىشنى ئادەت قىلسا، سىل، زۇكام، سۇ چېچەك، ئىچى سۈرۈش، دىئابېت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. قۇرۇتۇلغان ئالگراتنى دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، زۇكام، چاچ چۈشۈش، يۇقىرى قان بېسىمى، بۆرەك ياللۇغى، جىگەر ياللۇغى ۋە سۈيدۈك يولى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ئالگرات | UyghurWiki | UyghurWiki