ئاچچىق ئانار
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئانار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق، ئانارغا ئۇرۇقداش چاتقال ياكى كىچىك
دەرەخ بولۇپ، مېۋىسىنىڭ تەمى ئاچچىق.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان مېۋىسى، يىلتىزى ۋە قۇرۇتۇلغان پوستى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا، مېۋىسى، يىلتىزى ۋە پوستىنى يىغىۋېلىپ،
قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئىسسىقتىن بولغان جىگەر ھارارىتىنى پەسەيتىسش، خاپىغان ۋە
كەيپ قىلىشتىن بولغان مەستلىكنى يوقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ سىقىلغان سۈيىدىن 1 ~ 5 ياشقىچە بولغانلارغا 5 ~ 10 گرام، 5 ~
10 ياشقىچە بولغانلارغا 10 ~ 15 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا 15 ~ 20 گرام، 15 ياشتىن يۇقىرى چوڭلارغا ئەھۋالغا قاراپ 25 ~ 30 گرام
ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاچچىق ئانارنىڭ ئەتراپىنى تېشىپ سىركىگە بىر كۈن چىلاپ قاينىتىپ ئېلىپ، سوقۇپ خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ
ياساپ 15 ~ 20 تالدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈشنى توختىتىپ، ئۈچەي، مەقئەت
جاراھەتلىرى ۋە قورساق ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاچچىق ئانارنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى كۆزگە تارتىپ بەرسە، كۆزگە ئۆسكەن زىيادە گۆش ۋە چاپاقلارنى يوقىتىدۇ.
ئاچچىق ئانارنىڭ سۈيىدە ئېغىزنى چايقاپ بەرسە ، ئېغىز پۇراش ۋە ئېغىز جاراھەتىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاچچىق ئانار سۈيىنى ھەسەل بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاكىلە (گۆشخور چاقا) گە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاچچىق ئانار سۈيىنى يەرلىك ئورۇنغا تېمىتسا، قۇلاق ۋە بۇرۇندىكى جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاچچىق ئانارنى پوستىدىن ئايرىماي سىقىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قىچىشقاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاچچىق ئانارنىڭ سۈيىنى قاينىتىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ.
ئاچچىق ئانار سۈيىنى كۆيدۈرۈۋەتمەي قاينىتىپ، ئېغىزى ئوچۇق قاچىدا قويۇپ، قېتىپ رۇب بولغاندا، ئۈچ گرام رۇبنى قايناق سۇ بىلەن
ئىستېمال قىلسا، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چۈشۈرۈپ؛ سۈيدۈك تېمىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاچچىق ئانارنىڭ يىلتىزىدىن رۇب تەييارلاپ ئىستېمال قىلسا، چىش ئاغرىقى ۋە چىش مىلىكلىرى كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىككى گرام ئاچچىق ئانار رۇبىغا، ئىككى گرام ۋاسالغۇ، ئىككى گرام زىرە قوشۇپ سوقۇپ ئىستېمال قىلسا، قەينى توختىتىپ، ئاشقازاننى
قۇۋۋەتلەيدۇ.
ئاچچىق ئانارنىڭ يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا، بالىياتقۇدىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.
ئاچچىق ئانارنىڭ يىلتىزىنى قاينىتىپ سۈيىدە ئولتۇرۇپ بەرسە، چىقىپ قالغان سوڭنى كىرگۈزىدۇ.
ئاچچىق ئانارنىڭ يىلتىزىنى سوقۇپ ھەسەل بىلەن خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، جاراھەتلەرنىڭ ئورنىدىكى داغلارنى چۈشۈرىدۇ.
ئاچچىق ئانارنىڭ يىلتىزىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى ھەسەل بىلەن خېمىر قىلىپ، كۆكرەك ھەم ئاشقازان ئۈستىگە چېپىپ بەرسە، ئۆپكە ۋە
ئاشقازاندىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.
ئاچچىق ئانارنىڭ رۇببىنى سوقۇپ چىش تۈۋىگە بېسىپ بەرسە، چىش تۈۋىدىن كېلىدىغان قاننى توختىتىپ، جاراھەتلەرنى پۈتتۈرىدۇ؛
چىشنى چىڭىتىپ، چىش چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلايدۇ.
ئاچچىق ئانارنىڭ گۈلىنى تالنىڭ ھۆل يوپۇرمىقى بىلەن سوقۇپ خېمىر قىلىپ ئاشقازاننىڭ ئېغىزى ئۈستىگە سىرتتىن چېپىپ بەرسە،
قۇسۇشنى توختىتىدۇ.
ئاچچىق ئانارنىڭ گۈلىنى سىقىپ گۇلاب بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆزگە تېمىتىپ بەرسە، كۆز ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ.
ئاچچىق ئانار گۈلنىڭ سۈيىنى ئىتئۈزۈمى، پاقىيوپۇرمىقىنىڭ سۈيى بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزا
يولىغا پەيدا بولغان جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.