ئېتىزلىق قىرىق بوغۇمى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ قىرىق بوغۇم ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، قىرىق بوغۇمغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 25 - 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ، باش باھاردا سۆسۈن سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك كۆپىيىش غولىنى چىقىرىدۇ. شاخلىمايدۇ. ئۇچىدا موبى ئۇچىغا ئوخشايدىغان سىپورا خالتىلىق باشىقى بولىدۇ. يازدا ۋە كۈزدە يېشىل رەڭلىك ئوزۇقلىنىش غولى چىقىرىدۇ. يۇمشاق، ئىچى كاۋاك بولىدۇ. ئايلانما بولۇپ كۆپ شاخلىنىدۇ. بۇغۇمىدا قوڭۇر رەڭدىكى پەردىلەشكەن ئايلانما ئۆسكەن تەڭگىسىمان يوپۇرماقلىرى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى يازدا ۋە كۈزدە ئورۇۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، كېسىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا بويلىرى، ئوتلاق ۋە ئېتىزلىقلاردا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
قان توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئېتىزلىق قىرىق بوغۇمىنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بۇرۇن قاناش، ھەيز كۆپ كېلىش، ئۈچەي قاناش، قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئېتىزلىق قىرىق بوغۇمىنى قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، بوۋاسىر قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئېتىزلىق قىرىق بوغۇمىنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋە سۈيدۈك راۋان بولماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئېتىزلىق قىرىق بوغۇمىنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل جاراھەت ۋە زەخىملەرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ.