زىغىر
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ زىغىر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، زىغىرغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، يوپۇرمىقى يىپ ياكى تېمىنە شەكلىدە بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى ئاچ كۆك، غوزىلىق مېۋە تۇتىدۇ، مېۋىسى شارسىمان بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى ۋە ئۇنىڭدىن چىقارغان يېغى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ھۆل ۋاقتىدا چېچىكىنى، پىشقاندا ئۇرۇقى ۋە چۆپىنى
يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
پۈتكۈل چۆپى قۇرۇق سوغۇق، مېۋىسى قۇرۇق ئىسسىق، يېغى ھۆل ئىسسىق.
ھارارەت پەسەيتىش، ئېغىز ئالدۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، گۆش ئۈندۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغانلارغا 1 ~ 4 گرام، 5 ~ 10 ياشقىچە
بولغانلارغا 5 ~ 8 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
زىغىرنىڭ دېنىنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ تېڭىپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىقلارنى ئېغىز ئالدۇرىدۇ.
زىغىرنىڭ پاخىلىنى كۆيدۈرۈپ، تۈتۈنىنى بۇرۇنغا تارتىپ بەرسە، مېڭىنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ.
زىغىرنىڭ پاخىلىنى كۆيدۈرۈپ سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، بالىياتقۇ جاراھىتى، بالىياتقۇدىن قان كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىغىرنىڭ دېنىنى سوقۇپ، پاخىلىدىن توقۇلغان رەختلەرگە يۆگەپ، چوڭ ئېچىلىپ كېتىپ پۈتمىگەن جاراھەتلەرگە قويۇپ بەرسە، جاراھەتنىڭ
قانلىرىنى توختىتىپ، گۆش ئۈندۈرۈپ پۈتتۈرىدۇ.
زىغىرنىڭ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، يۈرەك، مېڭىنىڭ ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىغىرنىڭ ئۇرۇقىنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، باش ئاغرىقى، باشتىكى ئىششىق، تەمرەتكە ۋە جاراھەتلەرگە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىغىرنىڭ ئۇرۇقىنى ئىسپىغۇل بىلەن قوشۇپ، خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چوڭ - كىچىك بوغۇملاردىكى ئىششىق،
جاراھەت ۋە ئاغرىقلارغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىغىر ئۇرۇقىنىڭ قاينىتىلغان سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، بەلغەمدىن بولغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىغىر ئۇرۇقىدىن توققۇز گرام سوقۇپ ئىچىپ بەرسە، كۆكرەكتىكى خىلىتنى تازىلاپ، جىگەر ۋە ئىچكى ئەزادىكى ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ.
زىغىر ئۇرۇقىدىن 30 گرامنى قاينىتىپ، شىرىسىنى چىقىرىپ، تېرىپلىرى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بۆرەكتىكى تاشنى
پارچىلايدۇ.
زىغىر ئۇرۇقىدىن 30 گرامنى قاينىتىپ، ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، تال ئىششىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىغىر دېنىنى ئازراق قارىمۇچ ۋە ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، جىنسىي ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىغىر دېنىنى قاينىتىپ سۈيى بىلەن ھەمەل (كلىزما) قىلىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، ئۈچەي ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىغىر دېنىنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، جاراھەت ئىششىقلىرىنى ياندۇرىدۇ.
زىغىر دېنىنى سوقۇپ، ئەنجۈر بىلەن قوشۇپ خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قارا داغنى چۈشۈرىدۇ.
زىغىر دېنىنى ھەببى رىشات ۋە ھەسەل بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، تىرناق يېرىقىنى پۈتتۈرىدۇ.
زىغىر دېنىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى بابۇنە بىلەن قوشۇپ خېمىر قىلىپ يەرلىك چېپىپ بەرسە، سۆگەلنى چۈشۈرۈپ، جاراھەت ئىششىقلىرىنى
ياندۇرىدۇ.
زىغىر دېنىنى كۈنجۈت يېغى بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، جاراھەتلەرنىڭ ئاغرىقلىرى ۋە قىچىشىشلىرىنى پەسەيتىدۇ.
زىغىر دېنىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، جاراھەتلەرنىڭ سۈيىنى يوقىتىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
زىغىر يېغى بىلەن گۈل يېغىنى قوشۇپ ھەمەل قىلسا، ئۈچەيدىكى جاراھەتلەرنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
زىغىر يېغى بىلەن گۈل يېغىنى قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئاغرىق توختىتىدۇ.
زىغىر يېغىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قۇلۇنجى ۋە ئۈچەينىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ.