UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىسەۋزە

سەۋزە

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، سەۋزىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، گۈلى ئاق، مېۋىسى ئۇزۇن ھەم يۇمىلاق. يىلتىزى ئۇزۇن ھەم كونۇس شەكلىدە بولۇپ، گۆشلۈك، قىزغۇچ ياكى سېرىق رەڭدە كېلىدۇ. تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئادەتتە كۆكتات قىلىنىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى (سەۋزە) ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا پۈتۈن چۆپى، يىلتىزى (سەۋزىسى) ۋە ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق. كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، رەئىس ئەزالار ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، مەنىي كۆپەيتىش، ئىچىنى يۇمشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، بەلغەم بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 200 ~ 640 گرام، ھالۋا ياكى مۇرابباسىدىن 30 ~ 80 گرام، شارابىدىن 200 گرام، پار سۈيىدىن 280 گرام، ئۇرۇقىدىن ئالتە گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. سەۋزىدە مۇراببا تەييارلاپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆپكە ئىششىقى، سوغۇقتىن بولغان سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەل، قىزىتما قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. سەۋزىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە سوغۇقتىن بولغان قورساق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سەۋزە ئۇرۇقىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە باھنى قوزغايدۇ. سەۋزە ئۇرۇقىنى سوقۇپ، ياكى ئۆزىنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىپ، ياكى ھەمەل قىلىپ بەرسە تۇغماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. سەۋزىنىڭ يىلتىزى ۋە يوپۇرماقلىرىنى سۇدا قاينىتىپ كىچىك بالىلارنىڭ بەدەن ۋە پۇت - قوللىرىنى يۇيۇپ بەرسە، قاننىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ. سەۋزە مۇرابباسىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، باھ ئاجىزلىقى، بالىياتقۇ ئاجىزلىقى، كۆكرەك ھۆللۈكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. سەۋزىنىڭ ھالۋىسىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، باھ ۋە بالىياتقۇنى كۈچلەندۈرىدۇ. سەۋزىنى سىقىپ سۈيىنىڭ 1/4 گە تەڭ ھەسەل قوشۇپ قاينىتىپ، ئاندىن بىر دانە خۇمىرىغا قۇيۇپ ئاغزىنى بېكىتىپ بىر مەزگىل قويغاندىن كېيىن ئىچىپ بەرسە، مەست قىلىدۇ. سەۋزىنىڭ يوپۇرمىقىنى خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قارا يەلگە پايدا قىلىدۇ. ئۈچ گرام سەۋزىنى ئۈچ گرام شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، پۇتنىڭ ئالقىنى ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
سەۋزە | UyghurWiki | UyghurWiki