بېدە
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، بېدىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،
يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، مۇرەككەپ يوپۇرمىقى ئۈچ تال كىچىك يوپۇرماقتىن تۈزۈلىدۇ، كىچىك يوپۇرماقلىرى دۈگىلەك كېلىدۇ؛ گۈلى
كېپىنەك شەكلىدە ئېچىلىدۇ، رەڭگى سۆسۈن كېلىدۇ؛ چوكا شەكلىدە مېۋە تۇتىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە، گۈلى ئېچىلغاندا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، چاناپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتلاقلار، ئېرىق - ئۆستەڭ
بويلىرى، ئېتىز قىرلىرى قاتارلىق نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە
ئىگە. (54 - رەسىم)
ئەھۋالغا
قاراپ 10 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
بېدىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەزگەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بېدىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، ھەزىم بۇزۇلۇش ۋە ئىسسىق ئۆتۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى بېدىنى يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.
بېدىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ بەدەننى يۇيۇپ بەرسە، بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ.
بېدىنى شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىپ، ساپ قان پەيدا قىلىدۇ.
بېدىنى ئېزىپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.
بېدىنى پىشۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن چېپىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىق ۋە ئەزالارنىڭ تىترىشىگە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
بېدە ئۇرۇقىنى مۇنچىدىن چىققاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كۆكرەكنىڭ يىرىكلىكى ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بېدىنىڭ ئۇرۇقىدىن ياغ چىقىرىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ ياكى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، لەقۋا ۋە ئەزالارنىڭ تىترىشىگە مەنپەئەت
قىلىدۇ.