UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىچاغىرچاي

چاغىرچاي

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ قارىقات ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى توم، يوغان بولۇپ، توغرىسىغا ئۆسىدۇ، ئۇنىڭدا تەڭگىسىمان يوپۇرماق سېپىنىڭ ئىزلىرى بار، رەڭگى قېنىق بېغىر رەڭ، غولى تىك، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى سىلىق بولىدۇ؛ تۈۋىدىكى يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرماق ئالىقىنى تېرىلەشكەن، يوپۇرمىقىنىڭ شەكلى دۈگىلەك سېپى بولىدۇ، سېپىنىڭ تۈۋى كېڭىيىپ، غولىنى يېرىم ئوراپ تۇرىدۇ؛ يوپۇرماق تومۇرلىرى روشەن، گىرۋىكى ئىنچىكە ھەرە چىشىسىمان كېلىدۇ؛ كونۇسسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، بەش تال گۈل تاجى ياپرىقى بولۇپ، دەسلەپتە ئاق ئېچىلىپ، تېزلىكتە قىزغۇچ سۆسۈنگە ئۆزگىرىدۇ. غۇنچە شەكىللىك مېۋە بېرىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈزدە يىغىۋېلىپ، توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايويىنىمىزنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تىك قىيالارنىڭ نەم تاش يېرىقلىرىدا ئۆسىدۇ. قۇرۇق سوغۇق. قان توختىتىش، گۆش ئۆستۈرۈش، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ھەيزنى تەڭشەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى چاغىرچاينى سوقۇپ، كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن ئىچىپ بەرسە، ھەزىم ناچارلىق، ئاشقازان ئاغرىش، ئىچ سۈرۈش ۋە قان ئارىلاش تەرەت كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. چاغىرچايدىن 12 ~ 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز توختاپ قېلىش، ھەيز نورمالسىزلىق ۋە بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. چاغىر چايدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 6 گرام تالقاننى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىدىكى قان قۇسۇش، قان تۈكۈرۈش، بۇرۇن قاناش، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىلىرى قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
چاغىرچاي | UyghurWiki | UyghurWiki