قارىمۇق
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ قەلەمپۇر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، قارىمۇققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،
ئېگىزلىكى 30 ~ 60 سانتىمېتىر. يۇقىرى قىسمى ئاچىماقلىنىپ شاخلىنىدۇ، بوغۇم قىسمى سەل يوغىنايدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن،
تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكىللىك بولۇپ، تۈۋى قىسمى غولىنى ئازراق ئوراپ تۇرىدۇ؛ چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ؛ گۈلى سۇس
قىزىل، غوزا مېۋىسى تۇخۇم شەكلىدە بولۇپ، چوڭايغان بەش قىرلىق نەيسىمان كاسسىسىنىڭ ئىچىدە ئورۇلۇپ تۇرىدۇ؛ ئۇرۇقى قارا، شار شەكلىدە
بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە ئۇرۇقى پىشقانغدا ئورۇۋېلىپ، ئۇرۇقىنى قېقىپ، سورۇپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، خام ياكى قورۇپ ئېتىلدۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بۇغدايلىق ۋە يول بويلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، سۈت كەلتۈرۈش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
قارىمۇقتىن 12 گرام، جاغجاقئوتتىن 10 گرام، ئاچچىقتاۋۇزدىن 15 گرام، بەيجژدىن 12 گرام، ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈت
كەلمەسلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام قارىمۇقنى سەككىز گرام كىرەش، 12 گرام جاغجاقئوت، 35 گرام قانتېپەر، 30 گرام كەتىرا بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە،
سۈت كەملىك ۋە سۈت سۇيۇقلۇققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام قارىمۇقنى 20 گرام مامكاپ، 15 گرام ئاچچىقتاۋۇز ئۇرۇقى، 12 گرام ياز غازىڭى بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈت بېزى
ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى قارىمۇقنى قورۇپ پىشۇرۇپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرام تالقاننى
رەيھان شەربىتى ياكى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بەل قايرىلىپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارىمۇقتىن 20 گرام، زاراڭزا چېچىكىدىن 12 گرام، شاپتۇل مېغىزىدىن 15 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.