UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىرەيھان

رەيھان

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، تىكەن رەيھانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە، سەل - پەل سۆسۈن كېلىدۇ؛ گۈلى ئاق ياكى قوڭۇر ئارىلاش ئاق كېلىدۇ. غول ۋە يوپۇرماقلىرى خۇشبۇي كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ئۇرۇقىنى ئايرىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ھۆل ئىسسىق. توسالغۇلارنى ئېچىش، قويۇق يەللەرنى يوقىتىش، قاننىڭ قويۇقلۇقىنى تەڭشەش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، يۇمشىتىش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق كەلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 5 ~ 7 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ھۆل رەيھاننى پۇراپ بەرسە، كۆڭۈل ئېلىشىشنى يوقىتىدۇ. ھۆل رەيھان يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قۇلاق ئاغرىقىنى توختىتىدۇ. رەيھان يوپۇرمىقىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى رەيھان يوپۇرمىقىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، چوڭ تەرەت، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاشقازان ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى