تاغ دېنى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئەپيۈنگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئەپيۈنگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 ~ 20 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ تۈگۈنەك غولى شار شەكلىدە بولۇپ، ئىچى سېرىق رەڭدە، يەر ئۈستىدىكى غولى تىك، ئىنچىكە ۋە ئاجىز كېلىدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئىككى - ئۈچ قايتىلانغان پەيسىمان چوڭقۇر يېرىلغان بولىدۇ. ئومۇمىي گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ،
رەڭگى بېغىر رەڭ، شەكلى ئۇچۇۋاتقان قۇشقا ئوخشايدۇ، مېۋىسى غوزا شەكىللىك مۈڭگۈزسىمان كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تۈگۈنەك غولى ئىشلىتىلىدۇ.
يازنىڭ دەسلىپىدە غولىدىكى يوپۇرماقلىرى سارغايغاندا، كولىۋېلىپ، تازىلاپ، سۇدا 2
~ 4 مىنۇت قاينىتىپ، سۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ياكى ئاچچىقسۇ بىلەن قورۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پەس تاغ، دەريا ۋادىلىرى،
چاتقال ۋە ئورمانلىقلاردا ئۆسىدۇ، تېرىپمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق ئىسسق.
يەل ھەيدەش، ئاغرىق توختىتىش، قاننى جانلاندۇرۇش، توختاپ ئۇيۇپ قالغان قاننى تارقىتىش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاچچىقسۇدا قورۇلغان تاغ دېنىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرام
تالقاننى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەككىز گرام تاغ دېنىنى 12 گرام كىرەش، 10 گرام ئەمەن يوپۇرمىقى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
10 گرام تاغ دېنىنى 12 گرام كىرەش، 10 گرام قىزىل چۇغلۇق بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يىقىلىپ - ئۇرۇلۇشتىن يارىلىنىش ۋە قان ئۇيۇپ كۆكىرىپ ئىششىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تاغ دېنىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، ھەرخىل جاراھەتلەرنىڭ ئىششىپ ئاغرىشىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.