جۇۋىنە
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، جۇۋىنىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.0 ~ 1 مېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، كۆپ شاخلىق، سىرتىدا تېيىز، ئۇزۇنغا كەتكەن ئېرىقچىلىرى بار؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى ئۇزۇن، تۈۋى غىلاپسىمان بولۇپ، غولىنى يېرىم ئوراپ تۇرىدۇ. يوپۇرمىقى ئۈچ - تۆت قايتىلانغان پەيسىمان يېرىلغان، يېرىقچە ياپراقلىرى يىپسىمان بولىدۇ؛ مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى كىچىك، ئاق مېۋىسى ئورۇق مېۋە بولۇپ، شەكلى ئۇزۇنچاق تۇخۇمسىمان، رەڭگى قارامتۇل سېرىق كېلىدۇ، قولدا ئەزگەندىن كېيىن، ئۆتكۈر پۇراق كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى پىشقاندىن كېيىن يىغىۋېلىپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
يەل تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، ئىشتىھا ئېچىش، قورساقتىكى قۇرتنى ئۆلتۈرۈپ چىقىرىش، تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش، سۈت كۆپەيتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، تەرلىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 10 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ھەر كۈنى ناشتىدا مۇۋاپىق مىقداردىكى جۇۋىنىنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ۋە سۈيدۈكتىكى تاشنى پارچىلاپ چىقىرىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى جۇۋىنىنى چۆككۈدەك لىمون سۈيىگە يەتتە قېتىم چىلاپ، سۈزۈپ قۇرۇتۇپ، سوقۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئېغىر جىنسىي ئاجىزلىق ۋە سۈرگە ئىچىشتىن بولغان بەدەن ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى جۇۋىنىنى ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈرسە، چايان ۋە يىلان چېقىۋالغان زەھەرنى قايتۇرىدۇ.
جۇۋىنىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، پالەچ، رەئىشە، پەي ئاجىزلىقى، كۆكرەك ئاغرىقلىرى، ھېق تۇتۇش، قۇسۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش، ئاياللاردىكى ھەرخىل بالىياتقۇ كېسەللىكى، جىگەر ۋە تالنىڭ قاتتىقلىقى، بەھەق، بەرەس، مودۇر - مونەك، تېرە ئاستىدا قان ئۇيۇپ قېلىش، سۈيدۈك تەستە كېلىش، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرىدا تاش پەيدا بولۇپ قېلىش، باھ ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، يەلدىن بولغان قورساق ئاغرىقى، ئۈچەي ئاغرىقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، ھەيز توسۇلۇش، سۈت كەملىك، ۋابا، قورساق ئېسىلىش، ئىستىسقا قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.