UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىقوڭغۇراقگۈل

قوڭغۇراقگۈل

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ قوڭغۇراقگۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، قوڭغۇراقگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 90 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى يوغان، ئەتلىك تۈۋرۈكسىمان؛ غولى تىك، بىر تال ياكى بىرنەچچە شاخلىق بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن بولۇپ، تۇخۇم ياكى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە. گىرۋىكى ھەرە چىشىسىمان كېلىدۇ، يىلتىز قىسمىغا يېقىن يوپۇرماقلىرى يوغانراق بولۇپ، ئۇدۇل ياكى ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ؛ ئومۇم گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ؛ گۈلى سۆسۈن رەڭدە، شەكلى قوڭغۇراققا ئوخشايدۇ؛ مېۋىسى غوزىغا ئوخشىغان شار شەكلىدە بولۇپ، ئۇرۇقى كۆپ بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە كولىۋېلىپ، پاكىز يۇيۇپ ساپال پارچىسى بىلەن سىرتقى پوستىنى قىرىپ تاشلاپ، نېپىز يالپاقلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چىرىندىلىق توپا ۋە قۇملۇق جايلاردا ئۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. ئۆپكىدىكى سوغۇقنى تارقىتىش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل توختىتىش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، يىرىڭنى چىقىرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. قوڭغۇراقگۈلدىن سەككىز گرام، مەرزەنجۇشتىن 12 گرام، ئۆرۈك مېغىزىدىن سەككىز گرام، كەرماندىن ئالتە گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قوڭغۇراقگۈل، سوغىگۈل، گۈلسامساق، زۇلفا يوپۇرمىقى، ئەينۇلىلارنىڭ ھەربىرىدىن 175 گرامدىن ئېلىپ، 10 كىلوگرام سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغاندا سوۋۇتۇپ، ئۇنىڭغا بىر كىلوگرام قارا شېكەر قوشۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 ~ 20 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. سەككىز گرام قوڭغۇراقگۈلنى يەتتە گرام چۈچۈكبۇيا، 12 گرام بۇدۇشقاق ئۇرۇقى، 10 گرام ئوسما يىلتىزى، سەككىز گرام يەر توزغىقى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ۋە كېكىردەك ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قوڭغۇراقگۈلدىن 12 گرام، قوچاققولدىن تۆت گرام، شاپتۇل مېغىزىدىن 12 گرام، تەكىيە كاۋا ئۇرۇقىدىن 20 گرام، سوغىگۈلدىن سەككىز گرام، ئۈچقات گۈلىدىن 20 گرام، تەسۋىقوناق مېغىزىدىن 12 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن تۆت گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
قوڭغۇراقگۈل | UyghurWiki | UyghurWiki