كۈنجۈت
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كۈنجۈت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، كۈنجۈتكە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى تىك، تۆۋەندىكى قىسمى يۇمىلاق، ئۈستۈنكى قىسمى ئادەتتە تۆت قىرلىق كېلىدۇ. يوپۇرمىقىدا تۈكچىلىرى بولىدۇ، گۈلى ئاق، غوزا مېۋىسىنىڭ قىرلىرى بار، يوپۇرمىقى كىچىك ھەم ياپىلاق، ئاق، قارا، سېرىق، قوڭۇر قاتارلىق ئوخشىمىغان رەڭلەردە بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ غوزىلىق مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
بەدەننى سەمرىتىش، سۈت ۋە مەنىينى كۆپەيتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، بوۋاسىر قېنىنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 15 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
كۈنجۈتنى شاراب بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، چايان، يىلان چاققان كىشىلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى كۈنجۈتكە تەڭ مىقداردا شېكەر، خەشخاش، يېرىم مىقداردا پوستى ئېلىنغان بادام مېغىزى، ئوندىن بىرىچە بىخ ئەبيەس
قوشۇپ، ھەر كۈنى 30 گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىپ، باھنى كۈچلەندۈرۈپ، بۆرەككە ياغ پەيدا قىلىدۇ.
كۈنجۈتنى ئېزىپ، شىرىسىنى چىقىرىپ، ناۋات بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئالتە گرام كۈنجۈتنى ئۈچ گرام كۆيدۈرۈلگەن ياڭاق بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بوۋاسىرنىڭ قېنىنى يوقىتىدۇ.
كۈنجۈتنىڭ قاينىتىلغان سۈيىنى نوقۇت بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھامىلىنى چۈشۈرىدۇ.
كۈنجۈتنىڭ قاينىتىلغان سۈيىدىن 60 گرامنى 30 گرام شاراب ۋە ۋاسالغۇ چىلانغان سۈ، 51 گرام كۈنجۈت يېغى، 15 گرام رۇمبەدىيان بىلەن
قوشۇپ ناشتىدا ئىچىپ بەرسە، قاننىڭ ئۆزگىرىشى ۋە بەلغەمدىن بولغان قىچىشقاقنى يوقىتىپ، تېرىنى يۇمشىتىدۇ.
كۈنجۈت بىلەن لوئۇق تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل ۋە كۆكرەك كېسەللىكى، ئۆپكىنىڭ يىرىڭلىق چاقىلىرى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
كۈنجۈتنى زىغىر بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەپ، مەنىينى كۆپەيتىدۇ.
كۈنجۈتنى ئېزىپ شاراب بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، قۇلۇنجىنى يوقىتىپ، مۈڭگۈزلۈك يىلان چاققان زەھەرنى قايتۇرىدۇ.