UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىپەربۇن

پەربۇن

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، پەربۇنغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 ~ 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى تىك ئۆسىدۇ، قوۋزىقى قارامتۇل خورما رەڭلىك بولۇپ، مەززىلىك پۇرايدۇ، غولى سەل <Z> ھەرىپىگە ئوخشاپراق ئېگىلگەن بولۇپ، تۈۋىدە تالاسىمان ساپاق قالدۇق ئىزلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يىپسىمان تېمىنە شەكىللىك، تولۇق گىرۋەكلىك يوپۇرماق؛ گۈل رېتى مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان، گۈللىرى كىچىك ۋە سېرىق رەڭلىك بولىدۇ؛ مېۋىسى جۈپ، رەڭگى قوڭۇر، شەكلى ئۇزۇن سوقىچاق. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە قېزىۋېلىپ، لاي - تۇپراقلىرىنى تازىلاپ، يالپاق توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ياكى ئاچچىقسۇ بىلەن قورۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغنىڭ تەسكەي تەرىپى، ئوتلاق ۋە چاتقاللىقلاردا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. ھارارەتنى پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، مىزاجنى تەڭشەش، تال ۋە ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. پەربۇن، بۇدۇشقاق ۋە يالپۇزدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرام تالقاننى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سەككىز گرام پەربۇننى، 35 گرام قىل يوپۇرماقلىق ئەمەن، 50 گرام ئوسما يىلتىزى، تۆت گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. پەربۇندىن 20 گرام، خام رەۋەندىن 12 گرام، تازىلانغان شوردىن 10 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. پەربۇندىن 20 گرام، قىزىل تۆمۈر رۇدىسىدىن 35 گرام، خام رەۋەندىن 12 گرام، تازىلانغان شوردىن 10 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىدىكى كۆڭلى ئېلىشىش ۋە قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. پەربۇندىن 20 گرام، خام رەۋەندىن 12 گرام، تازىلانغان شوردىن 10 گرام، تۇرۇپ ئۇرۇقىدىن 15 گرام، زۇلفا شېخىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىدىكى كۆكرەك چىڭقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام پەربۇننى 12 گرام خام رەۋەن، 10 گرام تازىلانغان شور، 35 گرام قىل يوپۇرماقلىق ئەمەن بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىدىكى سېرىقلىق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. پەربۇندىن 12 گرام، ئۇچقاتتىن 20 گرام، قىزىل چۇغلۇقتىن 12 گرام، مامكاپتىن 20 گرام، ئاق چۇغلۇقتىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆكرەك پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سەككىز گرام پەربۇننى 20 گرام كەتىرا، 21 گرام ئەينۇلا، 10 گرام قانتېپەر بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان تۆۋەنلەش، سوڭى چىقىش ۋە بالىياتقۇ چىقۇقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. پەربۇن، كىرەش، ئاق چۇغلۇق، بايناق، گۈلبوغۇنلارنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر توسالغۇسىدىن بولغان ھەيز نورمالسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
پەربۇن | UyghurWiki | UyghurWiki