ھەپىرەڭ
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ نامازشامگۈل ئائىلىسىدىكى بىر ياكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ھەپىرەڭگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە كېلىدۇ. گۈلى ۋارونكا شەكلىدە بولۇپ، قىزىل، ئاق، سېرىق ياكى بىنەپشە رەڭدە ئېچىلىدۇ. مېۋىسى يۇمىلاق، پىشقاندا قارىيىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تۈگۈنەك يىلتىزى، يوپۇرمىقى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى كەچ كۈزدە ئېلىپ، نېپىز كېسىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ يوپۇرمىقىنى ياز، كۈز پەسىللىرىدە ئېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ ئۇرۇقىنى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ
ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ھارارەت پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قان توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقىدىن 15 ~ 30 گرام، ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق
مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
ھەپىرەڭنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنى ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش، مەزى بېزى ياللۇغى، ئاق خۇن كۆپ كېلىش
ۋە قان سىيىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھەپىرەڭنىڭ ھۆل يىلتىزنى ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، يىقىلىش - ئۇرۇلۇشتىن بولغان ئىششىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھەپىرەڭنىڭ قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، ھەرخىل يارىلارنىڭ
ياللۇغلىنىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.