UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىتاغ كەرەپشىسى

تاغ كەرەپشىسى

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ پىياز ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇرۇقى قارا، ئۇزۇنچاق، جۇۋىنىگە ئوخشايدۇ، خۇش پۇراقلىق. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق. شىلىمشىق بەلغەمنى يوقىتىش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، يەل تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ھامىلىنى چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغانلارغا 1 ~ 2 گرام، 5 ~ 10 ياشقىچە بولغانلارغا 2 ~ 5.3 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا 5 ~ 6 گرام. 15 ياشتىن يۇقىرى چوڭلارغا 6 ~ 9 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. تاغ كەرەپشىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، شىلىمشىق بەلغەملەرنى يوقىتىپ، قورساقتىكى يەل، بىقىن ۋە كىندىك ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى تاغ كەرەپشىسىنى قايناقسۇغا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، باھ ئاجىزلىقى ۋە ھەيز نورمالسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. تاغ كەرەپشىسىنىڭ ئۇرۇقىدا ياغ تارتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا، قۇلۇنجى ۋە قورساق مۇجۇپ ئاغرىشلارغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى