UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىتاغ سۇمبۇلى

تاغ سۇمبۇلى

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ نامى رىشىۋالا بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ شاخ يوپۇرمىقى بىر ئاز كىچىك، تىكىنى، تېنى بولمايدۇ. يىلتىزى ئىككىدىن ئوشۇق، ئۇزۇن. يىلتىزىنىڭ تاشقى تەرىپى قارامتۇل، ئىچى ئاق، ئۆزى خۇشبۇي كېلىدۇ. مېۋىسى، گۈلى بولمايدۇ. بەزى تەسىرلىرى سۇمبۇلغا ئوخشىسىمۇ، لېكىن شەكىل جەھەتتىن سۇمبۇلغا ئوخشاشلىقى يوق. يەنى تاغ سۇمبۇلى ئادەتتە ئىككى شاخلىق بولۇپ، ھەربىر شاخنىڭ ئۇچى كۈنلۈكتەك بولىدۇ. كۈنلۈكنىڭ تۆۋىنىدە ئۈچ - تۆت شاخ بولۇپ، يوپۇرماقلىرى ئىنچىكە، ئۇنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە چوڭ - كىچىك يوپۇرماقلىرى ئورۇنلىشىدۇ. يوپۇرمىقى پاقىيوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن بىر ئاز كىچىكرەك، يىلتىزى پىيازغا ئوخشايدۇ. بىر - بىرىگە چاپلىشاڭغۇ ئىككى دانە بولىدۇ. بىرى چوڭ، بىرى كىچىك، بەكمۇ يىپلىق كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈزدە پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، يەل تارقىتىش، ئىستىسقا ۋە بەلغەمنى يوقىتىش، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، قۇسۇشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. 5.1 كىلوگرام تاغ سۇمبۇلىنى 15 كىلوگرام ئۈزۈم سۈيىگە چىلاپ، 40 كۈن تۇرغۇزۇپ، سۈزۈپ كۈنىگە تۆت گرامدىن ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، جىگەر كېسەللىكى ۋە ئىستىسقائى لەھمىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ؛ ئاشقازان بوينى ۋە ئۈچەيلەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ. تاغ سۇمبۇلىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقى، ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك قوزغىلىشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
تاغ سۇمبۇلى | UyghurWiki | UyghurWiki