UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىچىلان

چىلان

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ خوزور ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، چىلانغا ئۇرۇقداش چاتقال ياكى دەرەخ بولۇپ، يېڭى شاخلىرىدا جۈپ - جۈپ تىكەنلىرى بولىدۇ، يوپۇرمىقى سوزۇنچاقراق تۇخۇم شەكلىدە كېلىدۇ، گۈلى سارغۇچ يېشىل بولىدۇ؛ مېۋىسى ئۈچكىلىك مېۋە بولۇپ، شارسىمان ياكى تۇخۇمسىمان كېلىدۇ، رەڭگى قىزىل، تەمى تاتلىق، ئادەتتە قۇرۇق مېۋە ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، ئۇرۇقى ، قوۋزىقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، قان تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغانلارغا 5 ~ 01 تال، 5 ~ 10 ياشقىچە بولغانلارغا 10 ~ 15 تال، 15 ~ 10 ياشقىچە بولغانلارغا 20 تال، 15 ياشتىن يۇقىرى چوڭلارغا 20 ~ 30 تال ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ھۆل (كوس - كوس) چىلاننى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا، ئۆپكە، گالنىڭ يىرىكلىكى، يۆتەل، دەم سىقىش، ئاۋاز پۈتۈش قېلىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قۇرۇق چىلاننى يەككە ھالەتتە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، جىگەر، مەقئەت كېسەللىكلىرى، قان بۇزۇلۇش، ئۈچەي جاراھەتلىرى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. چىلان ئۇرۇقىنى سوقۇپ، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. چىلاننى كاسىنە ئەرقى، سىركەنجىۋىل بىلەن قاينىتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يەلتاشما ۋە تېرىدە پەيدا بولىدىغان ھەرخىل مۇدۇرلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بەش تال چىلاننى 15 گرام قانتېپەر، 21 گرام بايناقلار، 10 گرام ياۋا كەشمىر، 12 گرام ھەزىم ئېچىتقۇسى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تال ئاجىزلىقى، ئىچ سۈرۈش ۋە ھەزىم ناچارلىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 100 گرام چىلان قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن بولغان سۆسۈن داغ كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 10 تال چىلاننى 12 گرام چۇغۇندەك بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سىرغىتمىلىق كۆكرەك پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 6 ~ 10 گرام چىلان قوۋزىقىنى ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئۈچەي ياللۇغى سەۋەبىدىن بولغان ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 10 گرام چىلاننى 20 گرام جىنتىيانا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سېرىقلىق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 130 گرام چىلان ئېتىنى 100 گرام ئاغىچە تالقىنى بىلەن قوشۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، خېمىر قىلىپ ياڭاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 2 ~ 4 تال ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەزىم يوللىرى راكىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. چىلان دەرىخىنىڭ قوۋزىقى، رەۋەن، كىرەش قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ تېڭىپ بەرسە، ھەرخىل جاراھەتلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
چىلان | UyghurWiki | UyghurWiki