UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىسۈتلۈكئوت

سۈتلۈكئوت

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ سۈتلۈكئوتلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، سۈتلۈكئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ. سۇندۇرسا ئىچىدىن ئاق سۈت چىقىدۇ؛ يىلتىزى تۈۋرۈكسىمان، تاشقى پوستى جىگەر رەڭ قوڭۇر، غولى تىك، توم بولۇپ، يۇقىرى قىسمىدا كىچىك شاخلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى بولمايدۇ، شەكلى ئۇزۇن تېمىنەسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك؛ گۈل رېتى ئۆگىسىمان، ئورىغۇچى يوپۇرمىقى سېرىق رەڭدە، غوزا مېۋىسى تۇخۇم شەكلىدە. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئەتىياز، كۈز پەسىللىرىدە يىلتىزىنى كولىۋېلىپ، لايلىرىنى پاكىز يۇيۇپ، سېۋەتكە سېلىپ، سۇنىڭ ئىچىدە تۇرغۇزۇپ، قوۋزىقىنى چىقىرىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ياكى ئاچچىقسۇ بىلەن قورۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈزلەڭلىك، ئېتىز ياقىلىرى ۋە يول بويلىرىدا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، چوڭ - كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 2 ~ 4 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 5.1 گرام سۈتلۈكئوتنى ئالتە گرام ھەشقىپىچەك ئۇرۇقى، بەش تال قىزىل چىلان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قورساق كۆپۈش ۋە چوڭ - كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. تۆت گرام سۈتلۈكئوتنى 30 تال چىلان بىلەن بىللە قاينىتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 تال چىلاننى (سۈيىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ) ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سىرغىتمىلىق كۆكرەك پەردە ياللۇغىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. سۈتلۈكئوت يىلتىزىنى يۇمشاق سوقۇپ، جىگەر رەڭگە كەلگىچە ئوتتا قىزدۇرۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، 3.0 گراملىقتىن كاپسۇل ياساپ، ھەپتىسىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 13 ~ 18 تالدىن ئەتىگەنلىك ناشتىدىن ئىككى سائەت كېيىن ئۇدا ئۈچ ھەپتە ئىچىپ بەرسە، جىگەر ياللۇغىدىن بولغان قورساققا سۇ يىغىلىش ۋە قان شورىغۇچى قۇرت كېسەللىكىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى قورساققا سۇ يىغىلىشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
سۈتلۈكئوت | UyghurWiki | UyghurWiki