UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئالۇچا

ئالۇچا

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، مالىناغا ئۇرۇقداش مېۋىلىك دەرەخ بولۇپ، گۈلى قىزغۇچ، قىزىل كېلىدۇ؛ مېۋىسى يۇمىلاق بولۇپ، پىشقاندا قىزىرىدۇ. يېيىشكە بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا، مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق. قىزىتمىنى پەسەيتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، قۇرۇق ھۆنى بېسىش، قۇسۇشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. ئالۇچىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئىستېمال قىلسا، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، سىل، قۇرۇقلۇقتىن بولغان تەپ قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئالۇچىنىڭ يوپۇرمىقىدىن سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چۈشۈرىدۇ. ئالۇچىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازان - ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، ئاشقازان كىسلاتاسى كەملىكىدىن بولىدىغان تاماقتىن كېيىن قورساق كۆپۈش ۋە قەۋزىيەت بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ جىگەر قېتىشىش، قورساققا سۇ يىغىلىش، سۇلۇق ئىششىق، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، چىش مىلىكى ياللۇغى، ھۆل تەمرەتكە، دىئابېت كېسەللىكى، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق قاتارلىقلارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ئالۇچا | UyghurWiki | UyghurWiki