UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىتاشبۈرگۈن

تاشبۈرگۈن

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ لويلا ئائىلىسىدىكى توپلىشىپ ئۆسىدىغان كىچىك چاتقال، تاشبۈرگۈنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى بەش ~ ئون سانتىمېتىر كېلىدۇ، شەكلى يېرىم شار شەكلىگە ئوخشايدۇ؛ كىچىك شاخچىلىرى ناھايىتى قويۇق، تۈۋى قىسمىدا قالدۇق يوپۇرماقلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى كىچىك، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى بولمايدۇ، شەكلى ئۈچ بۇرجەكلىك تۇخۇم شەكلىدە، قاتتىق، زىچ جايلىشىپ، مۇنار شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ گۈلى كىچىك، سارغۇچ يېشىل رەڭدە بولۇپ، يوپۇرماق قولتۇقىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، مېۋىسى كۆپكەن، چوڭايغان گۈل يېپىنچىسىنىڭ ئىچىگە ئورۇلۇپ تۇرىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، يۇيۇپ تازىلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چۆل، قۇملۇق ۋە تاغ باغرىلىرى قاتارلىق شېغىللىق قۇرغاق يەرلەردە ئۆسىدۇ ھۆل سوغۇق. قىزىتما پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ھارارەتنى تۆۋەنلىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 20 ~ 35 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى تاشبۈرگۈننى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىتمىنى پەسەيتىدۇ. تاشبۈرگۈن ۋە قىزىلگۈلنىڭ ھەربىرىدىن 1 ~ 5.1 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتپ ئىچىپ بەرسە، سۆزنەك، سىفلىس ۋە لىمفا سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. تاشبۈرگۈن ۋە قىزىلگۈلدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ مەلھەم قىلىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سۆزنەك، سىفلىس ۋە لىمفا سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. تاشبۈرگۈندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ ئىچىپ بەرسە، زەھەر قايتۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
تاشبۈرگۈن | UyghurWiki | UyghurWiki