UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىشاقاقۇل

شاقاقۇل

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، يىلتىزسىمان غولى گۆشلۈك كېلىدۇ. يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى ئاقۇچ، قوڭغۇراق شەكلىدە، تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، شىرنىلىك مېۋىسى شار شەكلىدە بولۇپ، پىشقاندا قارىيىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈك پىشقاندا، يىلتىزسىمان غولىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق. بەدەننى قۇۋۋەتلەش، مەنىينى كۆپەيتىش ۋە قۇيۇلدۇرۇش، سۈت كۆپەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەمنى تازىلاش، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازان ۋە يۈرەكنى قىزىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 15 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. شاقاقۇلنى ھەسەل بىلەن مۇراببا قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، باھ ئاجىزلىقى ۋە مەنىي ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. شاقاقۇلنى يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، سۈت بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سۈت كۆپەيتىدۇ. شاقاقۇلنى قايناق سۇغا چىلاپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، دىئابېت كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. شاقاقۇلنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا، باھ ئاجىزلىقى، مەنىي بالدۇر يۈرۈپ كېتىش، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، سۈت ئازلىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى