كاسىنە
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، كاسىنىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، ئوتتۇرىسى كاۋاك، كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى سوقىچاق تېمىنە شەكلىدە، گىرۋىكى رەتسىز، دولقۇنسىمان چىشلىق بولىدۇ، يوپۇرماقلىرى غولىنىڭ تۈۋىدىن باشلاپ شاخنىڭ ئۇچىغىچە بارغانسىرى كىچىكلەپ، ئاخىرى يوقىلىدۇ؛ گۈلى قولتۇقىدىن ئۆسكەن بولۇپ، ھاۋا رەڭ كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە ئورۇۋېلىپ، چاناپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىزلىقلار، يول بويلىرى، ئوتلاق ۋە جىلغىلاردا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ماددىلارنى ئېچىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قان تازىلاش، سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
كاسىنىدىن 12 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سېرىقلىق چۈشۈش تىپىدىكى جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى كاسىنىنى سۇدا قاينىتىپ بەدەننى يۇيۇپ بەرسە، سېرىقلىق چۈشۈش تىپىدىكى جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كاسىنە، پىشقان ئاپېلسىن پوستى، ئەرمۇدۇنقوۋزىقى، كۆك ئەمەننىڭ ھەر بىرىدىن سەككىز گرامدىن، سوپۇندەرىخى مېۋىسى، يۇمران ئۈجمە
شېخىدىن تۆت گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى ۋە يۆتىلىپ ھاسىراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.