سۇڭپىياز
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، پىيازغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى يۇمىلاق كاناي شەكلىدە بولۇپ، ئوتتۇرىسى كاۋاك كېلىدۇ. تەڭگىچە غولى يۇمىلاق ھەم تۈۋرۈك شەكلىدە بولۇپ، گۈلى كىچىك ئېچىلىدۇ، ئۇرۇقى قارا.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى چېچەكلىگەندە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
تاش بەدەندىكى ئىللەتلەرنى تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ سۇڭپىياز ئۇرۇقى 4 ~ 6 گرام، سۇڭپىياز 2 ~ 8 تال ئەتراپىدا
ئىشلىتىلىدۇ.
سۇڭپىيازدىن ئۈچ تال، بەسەي كۆتىكىدىن ئۈچ تال، قومۇش يىلتىزىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان
زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىر تال سۇڭپىيازنى 12 گرام گۈڭگۈرت بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، كىندىككە چېپىپ بەرسە، بالىلاردىكى كۆپ سىيىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىككى تال سۇڭپىيازنى 70 گرام ھەسەل بىلەن بىللە يۇمشاق ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ باشلىنىشى ۋە
ئېغىز ئالمىغان غەلۋىرەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۇڭپىيازدىن بىر تال، قارىمۇچتىن ئۈچ دانە ئېلىپ سوقۇپ، قارا شېكەر بىلەن قوشۇپ شىلىمدەك قىلىپ، كۆكرەككە ۋە قول - پۇتنىڭ
ئالىقىنىغا چېپىپ بەرسە، قىزىلنىڭ بەدەن سىرتىغا تەپمەسلىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بەش تال سۇڭپىيازنى سوقۇپ كىندىككە چېپىپ بەرسە، قىزىلنىڭ سىرتقا تەپمەسلىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇڭپىياز ئۇرۇقىنى سوقۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، كۆپ
ئېھتىلام ۋە ئاق خۇن كۆپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام سۇڭپىيازنى 35 گرام ئالتۇنشاخ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۇڭپىياز ۋە ئالتۇنشاختىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
35 گرام سۇڭپىيازنى 30 گرام ئالتۇنشاخ بىلەن بىللە يۇمشاق ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ