بۇزۇن
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئۇچقات ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، بۇزۇنغا ئۇرۇقداش يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرمىقى بەش تال، شەكلى سوقىچاق، گىرۋىكى ئۆتكۈر ھەرە چىشسىمان بولىدۇ؛ كونۇس شەكلىدىكى چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى بولۇپ، گۈلى سارغۇچ ياكى ئاقۇچ يېشىل رەڭدە، شىرنىلىك مېۋىسى شارسىمان، توق قىزىل رەڭدە بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىز پوستى ۋە يۇمران شاخلىرى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ باھاردا يىلتىز پوستىنى، خالىغان ۋاقىتتا يۇمران شاخلىرىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ئۇششاق توغراپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ ئورمان بەلۋىغىدىكى ۋادىلار ۋە تاغ باغرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
پەينى بوشىتىش، قاننى جانلاندۇرۇش، رېماتىزمنى ياخشىلاش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇزۇن شېخىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، يىقىلىپ - ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىش ۋە رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇزۇن يىلتىزى، كىرەش، چۈەنچۇڭ، قىزىل مارال قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 20 گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، ھەر قېتىم ئىشلەتكەندە مۇۋاپىق مىقداردىكى تالقاننى 20 گرام ئىسپىرت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇننى تېڭىپ بەرسە، سۇنۇققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى بۇزۇن يىلتىزىنى قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.