كەكرە
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، كەكرىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 05 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى يوق، شەكلى تېمىنىسىمان، ئۇچى ئۆتكۈر ئۇچلانغان، تۈۋى تەرەپتە شالاڭراق ئۆتكۈر چىشلىرى ياكى يېرىقچىلىرى بولىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى شاخلىرىنىڭ ئىچىدە يەككە ئۆسىدۇ، ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرماقلىرىنىڭ سانى كۆپ، بىرنەچچە قەۋەت بولۇپ تىزىلىدۇ، گىرۋەكلىرى پەردىلىشىدۇ، شەكلى بېلىق تەڭگىلىرىگە ئوخشايدۇ، گۈلى سۇس بېغىررەڭ كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە ئورىۋېلىپ، توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دالا، يول بويلىرى قاتارلىق بىرقەدەر قۇرغاق يەرلەردە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
ئىششىق ياندۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، زەھەر تارقىتىش، ھارارەتنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى كەكرىنى سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، چىيقان، غەلۋىرەك، ھەرخىل ئىششىق، بوغۇم ياللۇغى ۋە
مۇپاسىلغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كەكرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قويۇلغۇچە قاينىتىپ، مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، غەلۋىرەك، چىيقان، بوغۇم
ياللۇغى ۋە مۇپاسىلغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كەكرىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ.