UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئەتىرگۈل

ئەتىرگۈل

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، ئازغانغا ئۇرۇقداش چاتقال بولۇپ، يۇمران غولىدا شالاڭ ئىلمەكلىك تىكەنلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقچىلىرى ئۈچ ~ بەش تال، شەكلى ئۇزۇنراق سوقىچاق، يوپۇرماق گىرۋىكى ھەرە چىشىسىمان، قۇلاقسىمان يوپۇرماق تېگى بولىدۇ، گىرۋىكىدە بەز تۈكچىلىرى بولىدۇ؛ گۈلى تاق ياكى توپلىشىپ ئۆسۈپ، قات - قات ئېچىلىدۇ، رەڭگى ھال، ئاق، قىزىل ياكى سۇس سېرىق كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈل غۇنچىسى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى دەسلەپ ئېچىلغاندا گۈلىنى ئۈزۈۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ ياكى ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ، كۈز پەسلىدە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئەتىرگۈل ۋە زاراڭزا چېچىكىنىڭ ھەر بىرىدىن سەككىز گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، رەيھان شەربىتى بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەيز كەلمەسلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ. سەككىز گرام ئەتىرگۈلنى 15 گرام گۈلبوغۇن بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز نورمالسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل ئەتىرگۈل يىلتىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان ئىششىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەتىرگۈلنى قول بىلەن ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان ھەرخىل ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ئەتىرگۈل | UyghurWiki | UyghurWiki