UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئاق لەيلىگۈل

ئاق لەيلىگۈل

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ لەيلىگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، لەيلىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 ~ 150 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى يۇمىلاق تۈۋرۈكسىمان، بەزىدە توم شاخلىنىدۇ. رەڭگى سارغۇچ بېغىررەڭ، غولى تىك كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، سېپى بار، يۈرەك شەكلىدە، گىرۋەكلىرى ھەرە چىشلىق بولىدۇ، ئارقا تەرىپى ئاق تىۋىتچە تۈكلەر بىلەن قاپلانغان؛ غولى بىردىن ئۈچكىچە بولۇپ، يوپۇرماق قولتۇقىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ، ئاق ياكى سۇس بېغىر رەڭ، گۈلتاجى ياپرىقى بەش تال بولىدۇ، مېۋىسى ياپىلاقراق يۇمىلاق بولۇپ، كۆپ ساندىكى كىچىك مېۋىچىلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن تەشكىل تاپقان، پىشقاندا يېرىلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى، گۈلى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى باھار ۋە كۈز پەسىلىدە كولىۋېلىپ، يۇيۇپ تازىلاپ، كېسىپ، يالپاقلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، گۈلىنى ئەتىياز پەسلىدە، يوپۇرمىقى ۋە ئۇرۇقىنى كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆي ئەتراپلىرى، ئېتىزلىق قىرلىرى ۋە دالىلاردا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق. سۈيدۈك ھەيدەش، يۆتەل توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ھۆل ئاق لەيلىگۈلنىڭ يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل جاراھەت، ئىششىق ۋە سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاق لەيلىگۈلنىڭ يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، زەيتۇن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، زەھەرلىك ھاشاراتلار چاققان زەھەرنى قايتۇرىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاق لەيلىگۈلنىڭ يىلتىزىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كاناي ياللۇغى، قان تۈكۈرۈش ۋە دەم سىقىلىشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام ئاق لەيلىگۈلنىڭ يوپۇرمىقىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش ۋە ھەرخىل سۇلۇق ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ئاق لەيلىگۈل | UyghurWiki | UyghurWiki