تاغ قۇسى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئاتقۇلاق ئۆسۈملۈكنىڭ تاغدا ئۆسىدىغان بىرخىلى بولۇپ، يېزىلاردا بولىدىغانلىرىغا قارىغاندا بويى ئېگىز، دانلىق كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئارام بېرىش، بۆرەك، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 3 ~ 10 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
تاغ قۇسىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
تاغ قۇسىنىڭ يىلتىزىنى تالقان قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قورساق ئاغرىقى، ئىچىدىن قان كېلىش، ھەيز كۆپ كېلىش، بالىياتقۇدىن قان كېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تاغ قۇسىنىڭ يىلتىزىنى يۇمشاق سوقۇپ، خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قىچىشقاق، تەمرەتكە، تىرناق يېرىلىش ۋە ھەرخىل جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تاغ قۇسىنى ئارپا بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، قىچىشقاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تاغ قۇسىنى سىركە بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تال ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تاغ قۇسىنىڭ يىلتىزىنى ناۋات بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تاغ قۇسىنىڭ يىلتىزىنى تۆمۈر پوقىنىڭ سۈيى بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بوۋاسىرغا مەنپەئت قىلىدۇ.
تاغ قۇسىنىڭ يىلتىزىنى تۆمۈر پوقىنىڭ سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، مۇپاسىل، ئىسسىقتىن بولغان قول - پۇت ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تاغ قۇسىنىڭ يىلتىزىنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ بۆرە سويمىسى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈپ مەقئەتنى ئىسلاپ بەرسە، بوۋاسىرنىڭ تاشقى ئۆسمىلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تاغ قۇسىنىڭ يىلتىزىنى مۇقەل، موم يېغى ۋە زىغىر بىلەن قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ، خېمىر قىلىپ مەقئەتكە قويۇپ بەرسە، ئىچكى بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.