كۆك ئەمەن
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، ئەمەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 4.0 ~ 2.1 مېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، شاخلىرى كۆپ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئىككى - ئۈچ قايتىلىنىپ پەيسىمان يېرىلغان. ھەربىر يېرىقچە يوپۇرماقلىرى ئۇزۇن تۇخۇمسىمان ياكى كەڭرەك يىپسىمان بولىدۇ؛ گۈل رېتى باشسىمان، گۈلى يېرىم شار شەكلىدە، دىئامېتىرى تۆت ~ ئالتە مىللىمېتىر كېلىدۇ، رەڭگى سېرىق، ئۆتكۈر پۇرىقى بار.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز، كۈز پەسىللىرى گۈلى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى ئورۇۋېلىپ ياكى گۈلى ئېچىلغاندا گۈل شېخىنى يىغىۋېلىپ، چاناپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دالىلار، تاغ باغرى، يول بويلىرى، ئېرىق ياقىلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
ھارارەتنى پەسەيتىش، قاننى سوۋۇتۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
كۆك ئەمەندىن 12 گرام، ئالقات يىلتىزى پوستىدىن 10 گرام، گۈلسامساقتىن 20 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سىلدىن بولغان قىزىتما، ئوغرى تەر ۋە ياز پەسلىدىكى زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ھۆل كۆك ئەمەننىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىگە ئاز مىقداردا سۇ قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بۇرۇن قاناشقا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
10 گرام كۆك ئەمەنگە 12 گرام خام ئەگرىسۇنا، ئالتە گرام مودەن يىلتىز پوستى قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بۇرۇن قاناشقا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
كۆك ئەمەندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ھەرە چېقىۋېلىش، تەمرەتكە ۋە ھەرخىل چاقىلارغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۆك ئەمەندىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئالا قوڭغۇزدىن زەھەرلىنىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.