بېھى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئازغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، بېھىگە ئۇرۇقداش، چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ
بولۇپ، ئېگىزلىكى 3 ~ 6 مېتىر كېلىدۇ. يۇمران شاخچىلىرى تىۋىتلىق بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى بار؛ شەكلى
تۇخۇمسىمان ياكى سوقىچاق، ئۇچى دۈگىلەك ئۇچلۇق بولۇپ، ئالدى يۈزى قارامتۇل يېشىل، ئارقا يۈزى زىچ سارغۇچ كۈل رەڭ تىۋىتلىق تۈكلەر
بىلەن قاپلانغان؛ گۈلى يالغۇز بولۇپ، يۇمران شېخىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈل تاجى ياپرىقى بەش تال، رەڭگى ئاق ياكى سۇس قىزىل، گۈل ۋە
مېۋىسى خۇشبۇي پۇرايدۇ، مېۋىسى نەشپۈتسىمان بولۇپ، ئۇرۇقى كۆپ، سىرتىدا يۇمشاق تىۋىتلىق تۈكلىرى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۇچار، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق
جايلىرىدا كۆپرەك تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل ئىسسىق.
كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، يۈرەك، مېڭە ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش؛ ئىچ سۈرۈشنى
توختىتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
بېھىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىق ئۆتۈش، ئىچ سۈرۈش، قورساق كۆپۈش، ھەزىم بۇزۇلۇش، بوغۇملار ئاغرىش، پەي
تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بېھىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرۈپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
500 گرام بېھىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىگە 200 گرام شېكەر قوشۇپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ قىيام تەييارلاپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر
قېتىمدا 15 ~ 30 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان، جىگەر ۋە نېرۋا ئاجىزلىقى، بۇرۇن ياللۇغى، ھەرخىل ئىششىق، كۆڭۈل ئېلىشىش،
ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.