ئوسما
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، ئوسمىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى ئۇزۇن، سىرتقى پوستى كۈل رەڭ سېرىق، غولى تىك بولۇپ، ئۈستىدە ئاق ئۇپىلىرى بار؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۈۋىدىكى يوپۇرماقلىرى چوڭراق بولۇپ، ساپىقى بار، يوپۇرماق شەكلى سوقىچاق، غولىدا ئۆسكەن يوپۇرمىقى تېمىنە شەكلىدە، تۈۋى ئوقياسىمان بولۇپ، غولنى يېرىم ئوراپ تۇرىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى ئۇچىدا ياكى قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، گۈلى كىچىك، سېرىق، كرېست شەكىلدە تىزىلغان، مۈڭگۈزسىمان مېۋىسى ئۇزۇن، سوقىچاق، ياپىلاق تىكەنلىرى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقىنى ياز پەسلىدە، يىلتىزىنى كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇمشاق مۇنبەت قۇمساڭغۇ توپىلىقتا ئۆسىدۇ.
ھۆل ئىسسىق.
تېرىنى پارقىرىتىش، ئىچنى قاتۇرۇش، قورۇش، ماددىلارنى تارقىتىش، قىزىتمىنى پەسەيتىش، زەھەرنى قايتۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئوسما يىلتىزىدىن 12 گرام، قىرىق يوپۇرماقتىن 10 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تارقىلىشچان
مېڭە پەردە ياللۇغى ۋە تارقىلىشچان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئوسما يوپۇرمىقى ۋە قىرىق يوپۇرماقتىن 21 گرامدىن ئېلىپ، قايناق سۇدا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكام ۋە تارقىلىشچان مېڭە
پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام ئوسما يىلتىزىنى 35 گرام قىرىق يوپۇرماق بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام ئوسما يىلتىزىنى 20 گرام ئەڭلىكئوت بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئوسما يىلتىزىدىن 20 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
20 گرام ئوسما يوپۇرمىقىنى 18 گرام ئوسما يىلتىزى، 20 گرام ئۇچقات، 12 گرام قىزىل چۇغلۇق، 15 گرام مامكاپ، تۆت گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن
بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، چوڭ بۆلەكلىك ئۆپكە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئوسما يىلتىزىدىن 20 گرام، قىل يوپۇرماقلىق ئەمەندىن 20 گرام، جىنتىيانادىن سەككىز گرام، پەربۇندىن 10 گرام ، چۈچۈكبۇيىدىن تۆت
گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئوسما يىلتىزىدىن 20 گرام، قىل يوپۇرماقلىق ئەمەندىن 20 گرام، جىنتىيانادىن سەككىز گرام، پەربۇندىن 10 گرام ، چۈچۈكبۇيىدىن تۆت
گرام، ياز غازىڭىدىن سەككىز گرام، كىچىك خوخىدىن 10 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
25 گرام ئوسما يىلتىزىنى 12 گرام يالپۇز، 10 گرام بۇدۇشقاق ئۇرۇقى، 20 گرام چۇقا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، باش - كۆز
قىسىمدىكى تىلمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئوسما يوپۇرمىقىنى ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، باش - كۆز قىسىمدىكى تىلمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئوسما يىلتىزىدىن 35 گرام، ئۇچقاتتىن 20 گرام، مامكاپتىن 18 گرام، بىنەپشىدىن 20 گرام، ئوسما يوپۇرمىقىدىن 18 گرام، سوپۇندەرىخى
تىكىنىدىن 12 گرام، ئاچچىقتاۋۇز يىلتىز تالقىنىدىن 15 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئېغىر غەلۋىرەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام ئوسما يوپۇرمىقىنى سەككىز گرام كاكىنەج، 15 گرام چۇقا، تۆت گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ يەڭگىل بولسا كۈنىگە
بىر قېتىم، ئېغىر بولسا كۈنىگە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە، بوغمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
50 گرام ئوسما يىلتىزىنى سەككىز گرام پەربۇن، 35 گرام قىل يوپۇرماقلىق ئەمەن، تۆت گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
10 گرام ئوسما يىلتىزىنى سەككىز گرام قوڭغۇراقگۈل، يەتتە گرام چۈچۈكبۇيا، 12 گرام بۇدۇشقاق ئۇرۇقى، سەككىز گرام يەر توزغىقى بىلەن
بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ۋە كېكىردەك ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈچ گرام ئوسما يوپۇرمىقىنى بىر گرام زىرىق يىلتىزى، ئىككى گرام كۆك سېغىز، ئىككى گرام خام گەج بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ،
ۋازېلىن بىلەن% 25 لىك مەلھەم ياساپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈرتۈپ بەرسە، ھۆل تەمرەتكە ۋە چىيقانغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئوسما يىلتىزىدىن ئالتە گرام، قىل يوپۇرماقلىق ئەمەندىن 35 گرم، جىنتىيانادىن 15 گرام، پەربۇندىن سەككىز گرام، چۈچۈكبۇيىدىن تۆت
گرام، چىلاندىن 10 تال ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سېرىق چۈشۈش تىپىدىكى جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئوسما يىلتىزىدىن 12 گرام، جىنتىيانادىن سەككىز گرام، كىچىك يوپۇرماقلىق سۈزەدىن 10 گرام، قىل يوپۇرماقلىق ئەمەندىن 20 گرام
ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سېرىقلىق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئوسما يىلتىزىنى تۇز سۈيى بىلەن بىللە باشقا سۈركەپ بەرسە، بەلغەملىك باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئوسما يوپۇرمىقىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قەي قىلدۇرۇپ، غالجىر ئىت چىشلىۋالغان ئاغرىقنى توختىتىدۇ.
ئوسما يىلتىزىدىن چىقىرىلغان ياغدا چاچنى ياغلاپ بەرسە، چاچ ئۆستۈرۈپ، چاچ قارايتىدۇ ۋە چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئوسما يىلتىزى ۋە قىرىقبوغۇمنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىل، تارقىلىشچان مېڭە پەردە ياللۇغى
ۋە تارقىلىشچان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئوسما يىلتىزىدىن 35 گرام، ئەڭلىك ئوتتىن 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.