ئۈجمە
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئۈجمە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، ئۈجمىگە ئۇرۇقداش بولۇپ، قوۋزىقى تېيىز يېرىلىدۇ، يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە، گۈلى تاق جىنسلىق، گۈل يېپىنچىسى سارغۇچ يېشىل كېلىدۇ. يوپۇرمىقى بىلەن پىلە بېقىلىدۇ، يۇمران شاخلىرىنىڭ ئەۋرىشىم قوۋزىقىدىن چىققان تالالىرىنى ماتېرىيال قىلىپ قەغەز ئىشلىگىلى بولىدۇ. مېۋىسى ئاق ياكى قارا قوڭۇر بولۇپ، تاتلىق كېلىدۇ، ئادەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا كۆپ ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
توسالغۇلارنى ئېچىش، تەبىئەتنى يۇمشىتىش، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، بەلغەم بوشىتىش، ساپ قان پەيدا قىلىش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، قىزىتما ياندۇرۇش، سۈيدۈك ۋە چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، تېرىگە رەڭ بېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
ھۆل ئۈجمىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تال، جىگەر كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ؛ باھنى قۇۋۋەتلەپ، بۆرەكنىڭ ياغلىرىنى
كۈچلەندۈرۈپ، كىشىنى سەمرىتىدۇ.
ئۈجمىنىڭ يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ غار غار قىلىپ بەرسە، گال ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈجمىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىگە سىركە قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قىزىتمىلارنى ياندۇرىدۇ.
ھۆل ئۈجمىنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، گالنىڭ يىرىكلىكى، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش، گال ئىششىقى ۋە يۇتقۇنچاق، بادامسىمان بەز
ياللۇغى، تېرە قۇرغاقلىشىش، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈجمە يوپۇرمىقىدىن 35 گرام، سوغىگۈلدىن تۆت گرام، ئاق تۇرۇپتىن 70 گرام، نەشپۈتتىن بىر تال، ئاق شېكەردىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا
قاينىتىپ ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈجمە يوپۇرمىقىدىن 500 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى ھورداپ يۇيۇپ بەرسە، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
ئۈجمە يوپۇرمىقى، ۋاسالغۇ ۋە خام ئەگرىسۇنانىڭ ھەر بىرىدىن 20 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىق،
ئۇيقۇسىزلىق ۋە قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
10 گرام ئۈجمە يوپۇرمىقىنى 12 گرام يۇلغۇن، ئۈچ پارچە خام زەنجىۋىل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكامغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام ئۈجمە يوپۇرمىقىنى تۆت گرام يالپۇز، سەككىز گرام ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى، يەتتە گرام ئىزىلگەن بۇدۇشقاق ئۇرۇقى، سەككىز گرام
پەربۇن، تۆت گرام قوڭغۇراقگۈل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنىڭ باشلىنىشىدىكى قىزىرىپ يۆتىلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈجمە يوپۇرمىقى، قىرىقبوغۇم، سەبدىگۈل، مامكاپلارنىڭ ھەربىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆز بىرىكتۈرگۈچى
پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.