UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىلالىگۈل

لالىگۈل

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، سانجىق ئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 سانتىمېتىردىن 40 سانتىمېتىرغىچە ئۆسىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ شەكلى كۆكنار ئۆسۈملۈكى ۋە يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ. گۈلى، مېۋىسى ۋە ئۇرۇقلىرىمۇ ئوخشىشىدۇ. لېكىن كۆكنارنىڭكىدىن كىچىكرەك. ئۇرۇقىمۇ ئۇششاقراق. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى، گۈلى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئېچىلغاندا گۈلى، چۆپى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. قان توختىتىش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 10 ياشقىچە بولغانلارغا 1 ~ 2 گرام، 15 ياشتىن چوڭلارغا ئەھۋالغا قاراپ 2 ~ 3 گرام، گۈلىدىن بىر گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ لالىگۈلنىڭ قۇرۇق گۈلىدىن ئالتە گرامنى ئېزىپ، مۇسەللەس بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئىچ ئەزا ۋە باشقا ئەزالارنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. لالىگۈلنىڭ گۈلىنى يۇمشاق ئېزىپ بۇرۇنغا پۈركۈپ بەرسە، بۇرۇندىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ. لالىگۈلنى قاينىتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ماددىلارنى يۇمشىتىپ، چېچەككە مەنپەئەت قىلىدۇ. لالىگۈلنىڭ يوپۇرمىقى ۋە تېنىنى ئارپا سامىنى بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك، سۈت ۋە ھەيز راۋانلاشتۇرىدۇ. لالىگۈلنىڭ ئۇسارىسىنى بۇرۇنغا تېمىتسا، مېڭىدىن كېلىدىغان ھۆللۈكنى تازىلايدۇ. لالىگۈلنىڭ سىقىلغان سۈيىنى كۆزگە تېمىتىپ ياكى سۈرمە قىلىپ تارتىپ بەرسە، كۆزگە چۈشكەن ئاقنى يوقىتىدۇ. لالىگۈلنىڭ گۈلىنى ياڭاقنىڭ كۆك پوستى بىلەن ئېزىپ، خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چاچنى قارايتىدۇ. لالىگۈلنىڭ ئۇرۇقىنى ئۈچ گرامدىن سوغۇق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بەرەس كېسىلىنى يوقىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
لالىگۈل | UyghurWiki | UyghurWiki