يەر ياڭىقى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق، يەر ياڭىقىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى
نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ساپىقى ئۇزۇن، كىچىك يوپۇرمىقى تەتۈر تۇخۇمسىمان ياكى تۇخۇمسىمان؛ گۈلى سېرىق، ئۇرۇقدان ئاستىدىكى ساپىقى يەر
ئاستىغا ئۇزىراپ كىرىپ ئاندىن مېۋىلەيدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېغىزى (دېنى) ۋە يېغى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقىنى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ياكى ياغ تارتىپ
تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
مېڭە ۋە ئەسەبلەرنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى قۇرۇتۇش، مەنىي پەيدا قىلىش، ئوزۇقلۇق بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
يەر ياڭىقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقى، ئاق خۇن كۆپ كېلىش ۋە مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىشكە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
25 گرام يەر ياڭىقى مېغىزىنى ئالتە گرام خام چاكاندا، 15 گرام ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستى، 12 گرام قارا ئەندىزنىڭ يەر ئۈستى قىسمى،
20 ~ 25 گرام خام ئەگرىسۇنا، تۆت گرام چۈچۈكبۇيا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زىققىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىككى كىلوگرام يەر ياڭىقى مېغىزىنى بىر كىلوگرام بادام مېغىزى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، 500 گرام ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ
ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىپ، چىراينى پارقىرىتىدۇ؛ نېرۋىنى كۈچلەندۈرۈپ، خۇشخۇي قىلىدۇ.
12 گرام يەر ياڭىقى مېغىزىنى 100 گرام كېۋىزى، 65 گرام ئالقات بىلەن قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، 10 گرام تالقاننى 20 گرام
قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقىدىن بولغان بەل ئاغرىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
65 گرام يەر ياڭىقى مېغىزىنى 12 گرام جىن كېۋىزى بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقى ۋە سوغۇقتىن بولغان دەم
سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
140 گرام يەر ياڭىقى مېغىزىنى 35 گرام ئۆرۈك مېغىزى بىلەن قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ ھەسەل ۋە خام زەنجىۋىل سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ
ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، يۆتەل ۋە دەم سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.