ياتما نېلۇپەر
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ نېلۇپەر ئائىلىسىدىكى سۇدا ئۆسىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ياتما نېلۇپەرگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەر ئاستىدىكى يىلتىزسىمان غولى توم، قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى تۈۋىدىن ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ سېپى ئىنچىكە ئۇزۇن، يوپۇرمىقى سۇدا لەيلەپ تۇرىدۇ، شەكلى سوقىچاق، تۈۋى قىسمى چوڭقۇر يېرىلغان بولىدۇ؛ گۈل كاسسا يوپۇرماقچىلىرى تۆت تال، رەڭگى يىشىل، گۈلى ئاق، گۈل تاجى ياپراقچىلىرىنىڭ سانى كۆپ بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى دەسلەپ ئېچىلغان مەزگىلدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كورلا، ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىدىكى كۆل ۋە كۆلچەكلەردە ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
قىزىتما ۋە يۆتەلنى پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ياتما نېلۇپەر ۋە قومۇش يىلتىزىنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك چۆچۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ياتما نېلۇپەر ۋە قومۇش يىلتىزىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى چۆچۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام ياتما نېلۇپەرنى تۆت گرام چۈچۈكبۇيا، 12 گرام كىچىك يوپۇرماقلىق سۈزە، 10 گرام پاقىيوپۇرمىقى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.