قىزىلچا
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ لويلا ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، قىزىلچىغا ئۇرۇقداش بولۇپ،
يوپۇرمىقى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى ئۇزۇن، گۈلى كىچىك، رەڭگى يېشىل، شەكلى يۇمىلاق ۋە ئۇزۇنچاق، تەمى تاتلىق؛ يىلتىزىنىڭ رەڭگى ئاق،
قىزىل بولىدۇ، ئېقى قىزىلىدىن قۇۋۋەتلىكرەك.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى كۈز پەسلىدە قېزىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا
ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل ئىسسىق.
ئىچنى يۇمشىتىش، تېرىگە جۇلا بېرىش، ئىششىق ياندۇرۇش، قان كۆپەيتىش، بەلغەم بوشىتىش، پەينى چىڭىتىش، باھ ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 30 ~ 40 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
قىزىلچىنى گۆش بىلەن پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىچنى يۇمشىتىدۇ.
قىزىلچىنى قاينىتىپ باشنى يۇيۇپ بەرسە، كېپەك يوقىتىپ، پىت ئۆلتۈرىدۇ.
قىزىلچا يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، پۇت - قول يېرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىزىلچا يوپۇرمىقىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، ئىششىق ياندۇرىدۇ.
قىزىلچا ۋە خېنە يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ چاچقا چېپىپ بەرسە، چاچ ئۈندۈرۈپ، تېرىنى جۇلالاندۇرىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى قىزىلچىنى سىركە ۋە قىچا بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىپ، ئىششىقنى
ياندۇرىدۇ.
قىزىلچا يوپۇرمىقىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، تەمرەتكە، سۆگەل، بەھەق، داغ ۋە
سەپكۈنلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىزىلچىنى بادام يېغى بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قاتتىق ئىششىقلارنى يۇمشىتىدۇ.