قىزىل چۆپچىنى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ قامچىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، تاجىگۈلگە ئۇرۇقداش، ياماشقۇچى چاتقال
بولۇپ، غولى تۈۋرۈكسىمان ياكى ئەگرى - بۈگرى يىلتىزسىمان بولۇپ، يەر ئۈستى قىسمىدا تىكىنى يوق؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. شەكلى
ئېللىپس شەكلىدە، تۇخۇمسىمان يىڭنە ياكى يىڭنە شەكىللىك بولىدۇ، بەش دانە ئالىقانسىمان تومۇرى بولۇپ، ئەڭ سىرتقى بىر جۈپى يوپۇرماق
گىرۋىكىگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ، يوپۇرماق ساپىقىدا ئىككى تال ئىنچىكە بۇرۇتى بولىدۇ؛ كۈزدە گۈلى ئېچىلىدۇ؛ يىلتىزى قىزىل، تەمى بىر ئاز
تاتلىق، ئۇزۇنلۇقى 20 سانتىمېتىر، توملۇقى 3 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ھەر خىل بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى كۈز پەسلىدە كولىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل ئىسسىق.
تەرەتنى يۇمشىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئارتۇق ماددىلارنى تارقىتىش، تەرلىتىش، سۇيۇلدۇرۇش ۋە تازىلاش، خۇشلۇق كەلتۈرۈش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، رەئىس ئەزالار، ئاشقازان ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش خۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 9 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
قىزىل چۆپچىنىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، پالەچ، ئەزالار تىترەش، يىغىلىپ قېلىش، سەۋدا خاراكتېرلىك
سوزۇلما باش ئاغرىقى، سوزۇلما خاراكتېرلىك نەزلە، سۈيدۈك تېمىپ كېلىش ۋە بالىياتقۇ كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى قىزىل چۆپچىنىنى سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ماخاۋ، سىفلىس، ھەرخىل يىرىڭلىق يامرايدىغان چاقا،
تەمرەتكە، قوتۇر، قىچىشقاق، گۆشخور چاقا، بوۋاسىر، ناسۇر، قارا يەرقان، بوغۇم ئاغرىقى ۋە يانپاش ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىزىل چۆپچىنىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، تەمرەتكە، قوتۇر ۋە ھەرخىل چاقىلارغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.