UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىزۇلفا

زۇلفا

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، زۇلفاغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 1 ~ 2 مېتىر، خۇشبۇي پۇرىقى بار؛ غولى تۆت قىرلىق، تۈكلۈك، كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، سېپى بولىدۇ، شەكلى تۇخۇمسىمان ياكى يۇمىلاق تۇخۇمسىمان، يوپۇرماق گىرۋىكى دۈگىلەك چوڭ چىشلىق، يوپۇرماق يۈزى پۈرلەشكەن، رەڭگى يېشىل، يوپۇرماق دۈمبىسى قارامتۇل، بېغىررەڭ بولىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى بولۇپ، ئۇچىدا ياكى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، ئورىغۇچى يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان بولۇپ، گۈلى بىلەن ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ، گۈل كاسسىسى قوڭغۇراقسىمان، گۈل تاجىسى نەيچىسىمان كالپۇك شەكىلدە، رەڭگى قىزىل ياكى سۇس قىزىل. مېۋىسى كىچىك، قاتتىق مېۋە بولۇپ، رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر، شەكلى تۇخۇمسىمان. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى، يوپۇرمىقى ۋە غول - شاخلىرى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى يېڭى چېچەكلىگەندە ئورۇۋېلىنىپ، كونىرىغان غولى چىقىرىۋېتىلىپ، توغراپ، سايىدا قۇرۇتۇپ، چېچىكىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن غول - شېخىنى يىغىۋېلىپ، پارچىلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يوپۇرمىقىنى يوپۇرمىقى چېچەكلەشتىن بۇرۇن ئۈزۈۋېلىپ سايىدا قۇرۇتۇپ، مېۋىسىنى پىشقاندا ئۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ياكى قورۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا، ماناس، قەشقەر، گۇچۇڭ قاتارلىق جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ھۆل ئىسسىق. بەدەندىكى سوغۇقلۇقنى تارقىتىش، بەدەننى تازىلاش، بەلغەمنى چىقىرىش، يۆتەل توختىتىش، كۆڭۈلنى ئېچىش، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇسۇشنى بېسىش، يەللەرنى تارقىتىش، ئاشقازاننى بوشىتىش، ھامىلىنى ئاسراش، زەھەر تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. زۇلفا يوپۇرمىقىدىن سەككىز گرام ئېلىپ دەملەپ ئىچىپ بەرسە، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سەككىز گرام زۇلفا يوپۇرمىقىنى 10 گرام زۇلفا شېخى، بەش گرام پىشقان ئاپېلسىن پوستى، تۆت گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. زۇلفا يوپۇرمىقى، قوڭغۇراقگۈل، ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزىنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زۇكامدىن بولغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. زۇلفانىڭ غول شېخىدىن 12 گرام، پىننىدىن 15 گرام، تۇرۇپ ئۇرۇقىدىن سەككىز گرام، پىشقان ئاپېلسىن پوستىدىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىق ئۆتۈش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئىچى سىقىلىش ۋە كۆڭۈل ئاينىشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام زۇلفا ئۇرۇقىنى 10 گرام تۇرۇپ ئۇرۇقى، 12 گرام ئاق قىچا ئۇرۇقى، سەككىز گرام پىشقان ئاپېلسىن پوستى، ئالتە گرام چۈچۈكبۇيا، سەككىز گرام چۇغۇندان ئۇرۇقى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كانايچە ياللۇغى ۋە بەلغەم كۆپ بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. زۇلفا يوپۇرمىقىدىن ئىككى گرام، مامرانچىندىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ياندۇرۇش ۋە كۆڭلى ئاينىشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى