جىگدە
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ جىگدە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىلىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، جىغانغا ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ،
يېڭى نوتىلىرى كۈل رەڭ كېلىدۇ، يوپۇرمىقى تىمىنە شەكلىدە بولىدۇ؛ گۈلىنىڭ سىرتى كۈل رەڭ، ئىچى سېرىق كېلىدۇ، پۇرايدۇ؛ ئۈچكىلىك
مېۋىسى سوقىچاق بولۇپ، رەڭگى قىزىل ياكى سېرىق كېلىدۇ.
دورىغا بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى ۋە چېچىكى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈك چېچەكلىگەندە چېچىكىنى، مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، مەنىينى تۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغانلارغا 10 ~ 15 تال، 5 ~ 10 ياشقىچە
بولغانلارغا 15 ~ 03 تال، 10 ~ 20 ياشقىچە بولغانلارغا 30 ~ 40 تال، چوڭلارغا 50 تال ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
جىگدىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقى، نېرۋا ئاجىزلىقى ۋە ئىسسىقتىن بولغانزۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بەدەننى كۈچەيتىپ، ئاشقازان كېسەللىكى، مەنىي تۇتالماسلىق، ئىچى سۈرۈش، باش ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
جىگدە چېچىكىنى مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، مېڭە ئاجىزلىق، مەنىي تۇتالماسلىق ۋە زىققىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
جىگدىنىڭ شەربىتىنى ئىچىپ بەرسە، ھەرخىل باش ئاغرىقلىرى، ئاشقازان كېسەللىكى، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، مەنىي تۇتالماسلىق، ئىچ
سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.