مەرزەنجۇش
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، مەرزەنجۇشقا
ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىنىڭ تۈۋى قىسمى ياغاچلاشقان، كۆپ شاخلىنىدۇ، ئېگىزلىكى 01 ~ 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تۆت قىرلىق
بولۇپ، پۈتۈن تېنى خۇشبۇي پۇرايدۇ، يۇقىرىقى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، تۆۋەن قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى ئادەتتە ئايلانما ئۇدۇل
ئۆسىدۇ، تۆۋەن قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى ئادەتتە ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ؛ يوپۇرماقنىڭ شەكلى تېمىنىسىمان ياكى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە،
تولۇق گىرۋەكلىك، يوپۇرماق ئالىقىنى سىلىق ياكى شالاڭ تۈكلۈك بولىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر ~ ئۈچ سانتىمېتىر، كەڭلىكى 4.0 ~
8.0 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ گۈل رېتى مۇرەككەپ كونۇسسىمان، گۈل تاجىسى كالپۇكسىمان بولۇپ، رەڭگى ھاۋا رەڭ سۆسۈن كېلىدۇ، ئاتىلىقى تۆت
تال، گۈل كاسسا ياپرىقى بەشكە يېرىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى سەل چوڭراق بولىدۇ، گۈل كاسسا يېرىقچە ياپراقلىرىنىڭ ئارىسىدا سۆگەلگە
ئوخشىغان ئېنىق ئۆسۈكلىرى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى يازدا گۈللىرى تولۇق ئېچىلغان ۋاقتىدا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ ئېتەكلىرىنىڭ يايلاقلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق
يۆتەل توختىتىش، دەم سىقىشنى بېسىش، يۇمشىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 16 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
مەرزەنجۇشتىن 15 گرام ئېلىپ، ئۈستىگە 100 مىللىلىتىر سۇ قۇيۇپ، ئىككى قېتىم قاينىتىپ، 30 مىللىلىتىر قالغۇچە قويۇلدۇرۇپ، كۈنىگە
ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى مەرزەنجۇشنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، دەم سىقىش، ئۈچەي توسۇلۇش، سۇلۇق ئىششىق، يۈرەك سېلىش، لەقۋا، باش
ئاغرىقى ۋە ھەرخىل جىگەر، تال كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مەرزەنجۇشتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى مەرزەنجۇشتا ئەرەق تارتىپ ئىچىپ بەرسە، يۈرەك سېلىش، دەم سىقىش ۋە باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.