مېھرىگىياھ
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ قالپاقلىق زەمبۇرۇغلار ئائىلىسىدىكى ئوزۇق قىلىنىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، قالپىقى بۆرەك شەكلىدە، رەڭگى قوڭۇر، قالپاق يۈزىدە ھالقىسىمان سىزىقلار بولۇپ، پارقىراق كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى، يىلتىزى ۋە مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا يوپۇرمىقى، يىلتىزى ۋە مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
ئۇيقۇنى ياخشىلاش، مەست قىلىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 1.0 - 3.0 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى شارابقا سېلىپ ئىچىپ بەرسە، قاتتىق مەست قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنىڭ يىلتىزىنى مۇۋاپىق مىقداردا زەپەر بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، چوڭ بوغۇم ئاغرىقى، يانپاش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنىڭ يوپۇرمىقىنى ئېزىپ خېمىر قىلىپ كۆزگە چېپىپ بەرسە، كۆز ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنىڭ تامچىلىتىپ چىقىرىلغان سۈيىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە ياكى يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
مېھرىگىياھنى مۇقەل بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى كاسىنە بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولىنىڭ ياللۇغلىنىش كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى ھەسەل ياكى زەيتۇن بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، زەھەرلىك ھاشاراتلارنىڭ زەھىرىنى پەسەيتىدۇ.
مېھرىگىياھ ۋە ئۇنىڭ مېۋىسىنى يۇمشاق ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، گۆشخور ۋە يىرىڭلىق جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەر تۈرلۈك ئىششىقلارنى تارقىتىپ، خانازىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى يۇمشاق ئېزىپ، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قىزىلغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى ئېزىپ خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چوڭ بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى مۇۋاپىق ھالدا ئىچىپ بەرسە، دائۇلپىل (پۇت ياكى پاچاقلار ئىششىپ، پىلنىڭ پاچىقىغا ئوخشاش بولۇپ قېلىشى) غا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنى بەدەنگە سۈركەپ بەرسە، سەپكۈننى يوقىتىپ، قاپارتقۇ پەيدا قىلمايدۇ.
مېھرىگىياھنىڭ سۈتىنى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، بەدەندىكى سەپكۈن ۋە قارا داغلارنى يوقىتىدۇ.
تۆت گرام مېھرىگىياھنى يەككە ھالەتتە ياكى تاماق، نان ياكى تالقان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كىشىنى ھېچنەرسىنى سەزمەس
ھالەتتە ئۇخلىتىدۇ.