UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىسەپرا ئوت

سەپرا ئوت

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ سەپرا ئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~80 سانتىمېتىر كېلىدۇ. غولىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا قارامتۇل سۆسۈن رەڭلىك بەز تۈكچىلىرى زىچ ئۆسىدۇ، يىلتىزى ئاق، پوستى قېلىن بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى توققۇز تال، شەكلى سوقىچاق بولۇپ، نېپىز ماي دانىچىلىرى بولىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى ئۇچىدا بولۇپ، گۈلى سۇس بېغىر رەڭ كېلىدۇ، غوزىسىمان مېۋىسى بەشكە بۆلۈنۈپ، شاكال بەدىيانغا ئوخشايدۇ، ئۇرۇقى كىچىك شارسىمان، ئۇچى ئۇچلۇق، قارا پارقىراق كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پوستى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە قېزىۋېلىپ، پوستىنى سويۇۋېلىپ، چاچما يىلتىزىنى ئېلىۋېتىپ، ياغىچىنى چىقىرىۋېتىپ، كېسىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى چاتقاللىق ۋە تاغ باغرىدىكى ئورمانلىقلاردا ئۆسىدۇ. قۇرۇق سوغۇق. يەلنى تارقىتىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، زەھەر تارقىتىش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى سەپرا ئوت يىلتىزىنى سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، تەمرەتكە ۋە تېرە قىچىشمىسىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. سەپرا ئوتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا بېسىپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. سەپرا ئوتنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، رېماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغى، جىگەر ياللۇغى، يەلتاشمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سەپرا ئوتنى سۇدا قاينىتىپ سۈيىدە بەدەننى يۇيۇپ بەرسە، يەلتاشما ۋە بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى