ياۋا كەشمىر
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ياۋا كەشمىر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ياۋا كەشمىرگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.0 ~ 1 مېتىر كېلىدۇ، يەر ئاستىدا، شار شەكىللىك تۈگۈنەك غولى بار، چاچما يىلتىزى كۆپ بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى تۈۋىدىن ئۆسىدۇ، سېپى ئۇزۇن، يوپۇرماق تۈۋى غىلاپسىمان، يوپۇرماق شەكلى سوقىچاق، تولۇق گىرۋەكلىك؛ گۈل شېخى يوپۇرماقلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىدۇ، گۈلى ئاق، ئومۇم گۈل شېخى بەشتىن يەتتىگىچە ئايلانما بولۇپ ئۆسۈپ، توپلىشىپ چوڭ كونۇسسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ، كىچىك گۈل ساپلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش ئەمەس، كۈنلۈكسىمان تىزىلغان. مېۋىسى ئورۇق، تەتۈر تۇخۇم شەكلىدە بولۇپ، ياپىلاق كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تۈگۈنەك غولى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى كەچ كۈزدە كولىۋېلىپ، چاچما يىلتىزىنى ئېلىۋېتىپ، تاشقى پوستىنى قىرىپ چىقىرىۋېتىپ، نېپىز كېسىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ خام ھالەتتە ياكى تۇزدا قورۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا بويلىرى، سازلىق ۋە كۆلچەكلەردە ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ئىسسىقنى قايتۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 16 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ياۋا كەشمىردىن 15 گرام، تاۋۇز شۆپۈكىدىن 30 گرام، بايناقتىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ياللۇغى، بەدەن
ئىششىش ۋە سۈيدۈك ئازىيىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
15 گرام ياۋا كەشمىرنى 12 گرام قانتېپەر، 15 گرام ئارپا ئۈندۈرمىسى، سەككىز گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە،
ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ياۋا كەشمىردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئاشقازان ئاجىزلىقىدىن بولغان ئىچ سۈرۈش ۋە كىچىك تەرەت قىزىرىشقا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ياۋا كەشمىرنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سۇلۇق ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.