فېيشىر سۈتلۈكئوتى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ سۈتلۈكئوتلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، سۈتلۈكئوتقا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 ~ 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ پۈتۈن تېنىدە ئاق رەڭلىك سۈتى بولىدۇ؛ يىلتىزى كونۇسسىمان، توم، سىرتقى
قوۋزىقىنىڭ رەڭگى توپا رەڭ قوڭۇر كېلىدۇ؛ تۈۋى قىسمىدىكى يوپۇرمىقى سۇس قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، شەكلى تەڭگىچىگە ئوخشايدۇ؛ ئومۇمىي گۈل
رېتىنىڭ بەش - ئالتە تال شېخى تېگىدە ئايلانما ئۆسكەن يوپۇرماققا ئوخشاش ئورىغۇچى يوپۇرماقچىلىرى بولىدۇ، ھەر شېخىنىڭ ئۇچىدا يەنە ئۈچ
تالدىن كىچىك گۈل رېتى سېپى ئۆسۈپ چىقىپ، تېگىدىن بىر جۈپ ئورىغۇچى يوپۇرماق چىقىپ ئۈچ بۇرجەكلىك تۇخۇم شەكلى ھالىتىنى ئالىدۇ؛
ئىستاكانسىمان چەكلىك گۈل رېتى ئۇچىدىن ئۆسىدۇ؛ گۈلنىڭ رەڭگى سارغۇچ يېشىل بولىدۇ؛ مېۋىسى غوزا مېۋە، شەكلى ياپىلاقراق يۇمىلاق،
ئۈچ قىرلىق بولۇپ، پىشقاندا يېرىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى باھار ۋە كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ، سىرتقى
پوستىنى سويۇۋېتىپ، كېسىپ يالپاقلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يايلاق ۋە قۇرغاق تاغ
باغرىلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
بەلغەم بوشىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
فېيشرى سۈتلۈكئوتى ۋە چىلاندىن 5.2 كىلوگرامدىن ئېلىپ، فېيشىر سۈتلۈكئوتىنى قۇم ساپال قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە سۇ قويۇپ،
چىلاننى قارايغۇچە قاينىتىپ، ئاندىن چىلاننى ئېلىپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 20 تالدىن تاماقتىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلىپ
بەرسە، (ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا بولمايدۇ)، لىمفا سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
فېيشىر سۈتلۈكئوتىنى يۇمشاق سوقۇپ، ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قىچىشقاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى فېيشىر سۈتلۈكئوتىنى قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، قىچىشقاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.