UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىياۋا ئەپيۈنگۈل

ياۋا ئەپيۈنگۈل

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ ئەپيۈنگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئەپيۈنگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 - 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن تېنىدە قاتتىق تۈكچىلىرى بار، سۇندۇرغاندا ئاق سۈتى چىقىدۇ؛ تۈۋىدىكى يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى ئۇزۇن تۇخۇمسىمان بولۇپ، پەيسىمان چوڭقۇر يېرىلغان؛ گۈلى سېرىق، گۈل تاجىسى تۆت بولۇپ، ئۇچىدا ئۆسىدۇ. غوزا مېۋىسى ئۇزۇن سوقىچاق كېلىدۇ. تىك ئۆسكەن تۈكلىرى بولىدۇ، بەزىلىرىدە تۈكلىرى بولمايدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ غوزا مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ باغرى، چىمەنلىك ۋە دەريا بويلىرىدا ئۆسىدۇ. ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. ئاغرىقنى پەسەيتىش، يۆتەل، دەم سىقىش ۋە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 3 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ياۋا ئەپيۈنگۈلنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى ۋە باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ياۋا ئەپيۈنگۈلنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، كونا يۆتەل، دەم سىقىلىش، ئىچ سۈرۈش ۋە چوڭ تەرەتتىن قان قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ياۋا ئەپيۈنگۈلنى سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش ۋە سوڭى چىقىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ياۋا ئەپيۈنگۈلنى ئېزىپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ياۋا ئەپيۈنگۈل | UyghurWiki | UyghurWiki