UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىسۇ يالپۇزى

سۇ يالپۇزى

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ چوقا ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، سۇ يالپۇزىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 25 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ، غولى تىك ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، سېپى بولمايدۇ، شەكلى ئۇزۇن تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە بولۇپ، تولۇق گىرۋەكلىك ياكى ئۇششاق دولقۇنسىمان چىشلىق بولىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، رەڭگى سۇس سۆسۈن ياكى ئاق؛ غوزا شەكىللىك مېۋىسى دۈگىلەكرەك، ئۇچى سەل ئويمانراق بولۇپ، ئىچىدە كۆپىنچە ئۇششاق قۇرتلار قۇرتلاپ، قۇرت بۆرتمىسى ھاسىل قىلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۆتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە قۇرت بۆرتمىلىرى بارلىرىنى يىغىۋېلىپ، قۇرتلىرىنى ھورداپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، چۆپنى سايىدا قۇرۇتۇپ، توغراپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا، ئۆستەڭ، ئېرىق بويلىرى ۋە سازلىقلاردا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. ئىسسىقنى قايتۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قان توختىتىش، ئاغرىق توختىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 10 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. سۇ يالپۇزىدىن 35 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇتقۇنچاق ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام سۇ يالپۇزىنى 30 گرام نېلۇپەر يىلتىزىسىمان غول بوغۇمى، 20 گرام غاز ئوتى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان قۇسۇش ۋە قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. سۇ يالپۇزىدىن 35 گرام، چاتقالسىمان قارىغاي يىلتىزىدىن 20 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان بەل ئاغرىش ۋە ئۇرۇلۇپ - سوقۇلۇشتىن بولغان زەخىملەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. سۇ يالپۇزىدىن 35 گرام، گۈلبوغۇندىن 20 گرام، كىرەشتىن 12 گرام، ئەمەندىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. سۇ يالپۇزدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان زۇكام، رېماتىزم ۋە ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
سۇ يالپۇزى | UyghurWiki | UyghurWiki