UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىسوپۇندەرىخى

سوپۇندەرىخى

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، ياغاچ غوللۇق، سوپۇندەرىخىگە ئورۇقداش، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، ئاساسىي غولى ۋە شاخلىرىدا شاخلانغان توم تىكەنلىرى بولىدۇ، ئېگىزلىكى 3 ~ 6 مېتىر كېلىدۇ. كىچىك تىكەنلىرى چوڭ تىكەننىڭ تۆۋەن قىسمىدا ئۇدۇل ئۆسىدۇ. كۆرۈنۈشى سەل يانتۇ <+> شەكلىگە ئوخشاپ كېتىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، جۈپ سانلىق ئىككى قايتىلانغان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرىنىڭ شەكلى تۇخۇمسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك؛ ئومۇم گۈل رېتى قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، گۈلى مۇرەككەپ جىنسلىق، رەڭگى سۇس سېرىق، قاسىراقلىق، مېۋىسى چوڭ ياپىلاق بولۇپ، يېرىلمايدۇ؛ ئۇرۇقى كۆپ بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ غولى، شېخى، توم تىكىنى ۋە مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنى كۈز پەسلىدە پىشقاندا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، تىكىنىنى باھار ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، نېپىز يالپاقلاپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. بەلغەم بوشىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، يارىنى قاتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ سوپۇندەرەخ مېۋىسى 2 ~ 4 گرام، سوپۇندەرەخ تىكىنى 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 165 گرام سوپۇندەرىخىنىڭ تىكىنىگە 66 گرام، قىزىل چۇغلۇق، 12 گرام چۈچۈكبۇيا قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، چىيقانغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 250 گرام سوپۇندەرىخىنىڭ تىكىنىنى 700 گرام ئاچچىقسۇغا چىلاپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن 20 مىنۇت قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، سوۋۇتۇپ قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، سۇ ماي بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى بىر قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، جاھىل خاراكتېرلىك تەمرەتكىلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. نۆشۈدۈردىن 100 تال ئېلىپ 500 گرام ئاچچىقسۇغا ئۈچ كۈن چىلاپ، ئاندىن قۇم ساپال قاچىدا قاينىتىپ، قاچا تېگىدىكى نۆشۈدۈرنى ئۈزلۈكسىز ئارىلاشتۇرۇپ، سوپۇندەرەخ ئۇرۇقىنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ تۇرۇپ، ئاچچىقسۇ قايناپ تۈگىگەندە، سوپۇندەرىخى ئۇرۇقىنى ئاستا قىزدۇرۇپ قۇرۇتۇپ، ھەر كۈنى بەش تالدىن سەككىز تالغىچە چايناپ ئېزىپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە لىفما سىلىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. سەككىز گرام سوپۇندەرىخىنىڭ تىكىنىنى سەككىز گرام ئاسارۇن، 5.2 گرام كاپۇر بىلەن سوقۇپ، بۇرۇن تۆشۈكىگە سېپىپ بەرسە، ئىسسىق ئۆتۈپ ئايلىنىپ كېتىشكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىشلەنگەن سوپۇندەرەخ تىكىنىدىن 12 گرام، ئۈچقاتتىن 20 گرام، 20 گرام كەتىرا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، چىيقان ۋە غەلۋىرەكنىڭ ئېغىز ئالماسلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سوپۇندەرىخى مېۋىسى، يۇمران ئۈجمە شېخى تۆت گرامدىن، كاسىنە، پىشقان ئاپېلسىن پوستى، ئەرمۇدۇنقوۋزىقى، كۆك ئەمەننىڭ ھەر بىرىدىن سەككىز گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى ۋە دەم سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. سەككىز گرام سوپۇندەرەخ تىكىنىنى 25 گرام كەتىرا، 12 گرام كىرەش، 20 گرام ئۇچقات، 12 گرام ئاچچىقتاۋۇز يىلتىز تالقىنى، 10 گرام بايناق، 14 گرام ياۋا كەشمىر، تۆت گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، غەلۋىرەكنىڭ ئۇزۇنغىچە ئېغىز ئالماسلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
سوپۇندەرىخى | UyghurWiki | UyghurWiki