UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىشۇمشا

شۇمشا

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، شۇمشىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غوللىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، پۈتۈن تېنىدىن خۇش پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى تەتۈر تۇخۇم شەكلىدە، تولۇق گىرۋەكلىك ياكى دولقۇنسىمان ھەرە چىشلىق بولىدۇ؛ گۈلى بىر - ئىككىدىن بولۇپ قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، سېپى بولمايدۇ، دەسلەپ ئېچىلغاندا رەڭگى ئاق بولىدۇ، كېيىنچە تەدرىجىي ئاچ سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، تۈۋى سەل سۆسۈن رەڭدە، قاسىراقلىق مېۋىسى ئىنچىكە، ئۇزۇن، بىر ئاز ئېگىلگەن، ئۇچى تەدرىجىي ئۇچلانغان، ئۇرۇقى جىگەر رەڭ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنى پىشقان چاغدا قېقىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تازىلاپ، خام ھالەتتە ياكى بىر ئاز سارغايغىچە قورۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. سۈيدۈك ھەيدەش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىش، ماددىلارنى تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلدۇ. سەككىز گرام شۇمشا ئۇرۇقىنى تۆت گرام پىيزەك، بەش گرام قۇرۇق زەنجىۋىل بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان قورساق ئاغرىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام شۇمشا ئۇرۇقىنى 20 گرام ئارپىبەدىيان بىلەن بىللە سوقۇپ، تالقان قىلىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن ئازراق تۇزلۇق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، چۇقۇققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى شۇمشا ئۇرۇقىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ئاجىزلىقى، بەل سىرقىراش ۋە ئورۇقدان سىرقىراپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. شۇمشا ئۇرۇقىنى قاينىتىپ، سۈيىدە پۇتنى يۇيۇپ بەرسە، پۇت تەرلەپ پىچىلىپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
شۇمشا | UyghurWiki | UyghurWiki